ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلدى


2005.08.28

ئۆزبېكىستان دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئابادتىكى ھەربىي بازىسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى رەسمى قارار قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا تەرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ ئاقىلانە قارار ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش تەلىپى 29-ئىيۇل كۈنى مەيدانغا چىققان بولۇپ، تاشكەنت دائىرىلىرى ۋاشىنگتوندىن 6 ئاي ئىچىدە ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. دېمەك ، بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان پارلامېنتى تاشكەنتنىڭ بۇ قارارىنى رەسمىلەشتۈرگەن.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش مەسىلىسى 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ۋاشىنگتون ئىسلام كېرىموفنى ئەنجاندا بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا ئۈندىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاشكەنت بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسايىن سوغۇقلاشتى بىراق، ئىسلام كېرىموف، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى . (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.