ئامېرىكا تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا، قازاقىستاندا ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىن


2005.11.03

قازاقىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پارس قولتۇقى قىسىملىرىنىڭ باش گېنېرالى جون ئابىزايىت، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى يوقلىقىنى، بىراق قازاقىستان تەلەپ قىلغان شارائىتتا، بۇ دۆلەتتە ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جون ئابىزايىت بۇنى قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇختەر ئالتۇنبايېف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېيتقان. خەلقئارادا ئامېرىكىنىڭ تاشكەنتتىكى ھەربىي بازىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بازا قۇرۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار بار ئىدى.

قازاقىستان ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھاۋا تېررىتورىيىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويغان. قازاقىستان شۇنداقلا ئىراقتىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىگە قوشۇن ئەۋەتكەن بىردىنبىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا گېنېرالى جون ئابىزايىت ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۈدىيىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىل 7 - ئايدا رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىدىن قوشۇن چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.