قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى، فىلىكىس قولوفنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىر ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى


2005.08.15

قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن، دۈشەنبە كۈنى سابىق قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى فىلىكىس قولۇفنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

قۇرمانبېك باقىيېف، ئۆتكەن ئاي قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە چەتئەللىك كۈزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك سايلام دەپ تەبىرلەنگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ئاۋازى بىلەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىدى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قەسەم ئىچىپ رەسمى ۋەزىپىسىگە باشلىغان.

قۇرمانبېك باقىيېف ۋە قولوف، قىرغىزىستاننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى رايونلىرى ئارىسىدا مەۋجۇت ئىختىلاپلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سايلامدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قولوف، قىرغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمى تەستىقلانغىچە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.