كابۇلدا پاھىشىخانا ئاچقان خىتاي ئايال 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدە بىر نەچچە پاھىشىخانا ئاچقان بىر خىتاي ئايالنى 11‏ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.28

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەيدىن ۋاڭ مىن كابۇلدا رېستوران ۋە كافېخانا نامى ئاستىدا پاھىشىخانا ئېچىش ۋە خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن 40 ياشتىن ئاشقان ئىشسىز ئاياللارنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىپ پاھىشە قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ۋاڭ مىننىڭ بىر ياردەمچىسى بولسا، 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كابۇل شەھىرىدە تۈرك رېستوراننى بېرلىن رېستورانى قاتارلىق ناملار ئاستىدا پاھىشخانا ئاچقان ۋاڭ مىن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئافغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھېلىمۇ كابۇلدا نۇرغۇنلىغان خىتاي پاھىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ، رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆتكەن ئاي كابۇلدىكى بەزى خىتاي پاھىشىلەر مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا كىرىملىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەمما بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئانچىلا ئۆيدىن تاشقىرى چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.