ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگنىڭ سايلام ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى


2005-02-25
Share

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگ مالىيېفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىشى، نارېن ئوبلاستىدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

قىرغىزىستاننىڭ نارېن ئوبلاستىدىكى پۇقرانىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى جۈمە كۈنى 4 - كۈنىگە قەدەم قويغان. پۇقرالار، مالىيېفنىڭ يۇرتى بوقانبايېف بازىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قورشىۋالغان شۇنداقلا بېشكەك بىلەن نارېن ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يولغا توساق ياسىغان. نامايىشچىلارنىڭ سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئارسلانبېگ مالىيېفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، پايتەخت بېشكەككە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. قىرغىزىستان ئالى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئارسلانبېگنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئەرزىنى رەت قىلغان. شۇ كۈنى ئالى سوت مەھكىمىسى يەنە ئاقىلبېگ جاپاروفنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى.

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى جاپاروفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى يوقلىقىنى ئېلان قىلغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئارسلانبېگ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا پۇقرالارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى &# xFEE3;ېنىڭ ئىختىرالىقىمدىكى مەسىلە ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن. قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمى يەكشەنبە كۈنى ئۈتكۈزىلىدۇ. بۇ ئارىدا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقيى ئىشلار مىنىستىرى تالانت قۇشچىبېكوف، ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارى دونالد لۇنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان. بېشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى ستېفان ياڭ يېقىندا قىرغزىئىستاندىكى سايلامغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ئامېرىكا - قىرغىزىستان مۇناسۋىتىگە سوغاق سۇ سېپىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت