قازاقىستان راھەت ئالىيېۋنىڭ كونتروللىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە بىر گېزىتنى تاقىدى


2007-05-25
Share

قازاقىستان دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت نەزەربايېۋنىڭ كۈيئوغۇلى راھەت ئالىيېۋنىڭ كونتروللىقىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىر گېزىتنى تاقىدى. بۈگۈنكى قازاقىستان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر راھەت ئالىيېۋنىڭ كونتروللىقىدىكى ك ت ك تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن كارۋان گېزىتىنى قازاقىستان قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن 3 ئايلىق مۇددەت بىلەن تاقىغان.

بۇ ۋەقە بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن پرېزىدېنت نەزەربايېۋ ساقچىلارغا راھەت ئالىيېۋنىڭ قازاقىستان نۇر بانكىسىدا ئىشلەيدىغان 2 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى گۆرەدە تۇتۇپ تۇرغانلىق ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىن يۈز بەردى. كۈزەتكۈچىلەر، نەزەربايېۋنىڭ ھەرىكىتى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى شەخىسلەرگە قانۇن دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىك ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

راھەت ئالىيېۋ نەزەربايېۋنىڭ چوڭ قىزى دارىغانىڭ يولدىشى بولۇپ، ئۇ قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھازىر قازاقىستاننىڭ ۋېئەنادىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىدى. بۈگۈنكى قازاقىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە راھەت ئالىيېۋنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيى ساقچىلار تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

راھەت ئالىيېۋ، قازاقىستان نۇر بانكىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئابىلماجان گىلىموۋ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنى گۆرەدە تۇتۇپ تۇرۇش، تەن جازاسى بېرىش ۋە تاپانچا بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى سودىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان، دەپ ئەيىپلەنمەكتە. لېكىن راھەت ئالىيېۋ بۇ ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت