قازاقىستان پارلامېنتى نەزەربايېۋنىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشىنى ماقۇللىدى


2007-05-18
Share

قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، پرېزىدېنت نەزەربايېۋنىڭ قازاقىستانغا مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت بولۇشىنى ماقۇللىدى. قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ئاستىدا ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشنى ۋە نەزەربايېۋنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى مەڭگۈلۈك ئاتقۇرۇشىغا قوشۇلدى شۇنداقلا قانچىلىك ۋاقىتقىچە پرېزىدېنتلىق ئورنىدا ئولتۇرۇشنى نەزەربايېۋنىڭ ئۆزى بەلگىلەشكە قالدۇردى.

لېكىن مەزكۇر قانۇن لاھىيىسى پەقەت نەزەربايېۋ بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، نەزەربايېۋدىن كېيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان پرېزىدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ شۇنداقلا نەزەربايېۋدىن كېيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان پرېزىدېنتلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2 قېتىم بىلەن چەكلىنىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى يەنە نەزەربايېۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى قانۇن لاھىيىلىرىنى ماقۇللىغان.

بۇ قانۇن لاھىيىلىرىنىڭ بىرىدە پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 7 يىلدىن 5 يىلغا قىسقارتىلدى. لېكىن مەزكۇر قانۇن لاھىيىسى نەزەربايېۋنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2012 - يىلى توشقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. نەزەربايېۋ، 1989 - يىلىدىن بېرى قازاقىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ، 1991 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت