رۇسىيە، نەزەربايىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتسادىي ئىتتىپاقى پىلانىغا سوغاق مۇئامىلە قىلدى


2007.10.06

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇش پىلانى رۇسىيىنىڭ سوغاق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى.

پرېزىدېنت نەزەربايىف جۈمە كۈنى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىنىڭ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پرېزىدېنت نەزەربايىف دۈشەنبە دە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، " ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشاۋاتقان 50 مىليون ئاھالىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى قامدىيالايدىغان بىر ئىقتىسادىي بازار قۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئىقتىسادىي ئىتتىپاق قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم" دېدى.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەزەربايىفنىڭ بۇ پىلانى، رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، پرېزىدېنت پۇتىن ۋە يىغىنغا قاتناشقان رۇسىيە ۋەكىللىرى نەزەربايىفنىڭ تەكلىپىگە جاۋاپ قايتۇرمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا باشقا ئىختىلاپلارمۇ كۆرۈلگەن. مەسىلەن، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى بولغان، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايىف، رۇسىيىنىڭ بۇ تەشكىلات ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، " ئەلۋەتتە رۇسىيە سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ۋە بىز ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىۋاتىمىز. گەرچە گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھېچقانداق قارارنى قوبۇل قىلالمايدۇ" دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە نەزەربايىف، 1991‏- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، 12 سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بېرى ھەمدە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى قاتارلىق رۇسىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان، بىر نەچچىلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئايلاردىن بېرى، ئۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېتەكچى بىر رولغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ئوچۇق ئىپادىلەشكە باشلىغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.