ئۆزبېك پائالىيەتچىسىنى، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن رۇس ئوفىتسېر جازالاندى
2007.05.26
موسكۋا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، رۇسىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان بىر ئۆزبېك پائالىيەتچىسىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن رۇس ساقچى خادىمىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ ئەيىبلەپ، جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.
موسكۋا چەتئەل پۇقرالىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ باشلىقى بولغان سېرگى گراسىموف، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان رۇستەم مۆمىنوفنى، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى ۋە رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىكەن.
رۇستەم مۆمىنوف 2005- يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ رۇسىيىدە پاناھلانغان. رۇسىيە تەرىپىدىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى مۆمىنوفنى ھىزبۇل تەھرىر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى بەش يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- ئۈزبېكستان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ...
- ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلار كۆپەيمەكتە
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ۋىزا تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى
- تاشكەنت ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى بولدى
- ئۆزبېكىستان تۈرمىلىرىدە سىياسىي مەھبۇسلار قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە