ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دۇمبالاندى


2005-02-09
Share

چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان 5 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ ئاياللار تەرىپىدىن دۇمبالانغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، 6 نەپەر ئايال نەق مەيدانغا كېلىپ، نامايىشچىلارنى 20 مىنۇتقىچە توخماقلار بىلەن دۇمبالىغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى بەزى كىشىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تېلېكامېراغا ئېلىۋالغان. تاياق يېگەن نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدا، "ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش جەمئىيىتى" نىڭ پائالىيەتچىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ساقچىلارنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئاياللار ھۇجۇم قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە ۋەقەنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئالدىدا نامايىش قىلغان كىشىلەرمۇ بىر توپ ئاياللار تەرىپىدىن دۇمبالانغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى بىلەن غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەيىبلىنىپ كەلدى.(پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت