ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى


2007.02.22

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ "مەتبۇئات ئەركىنلىكى" خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ھەرىكەت باشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان "مەتبۇئات ئەركىنلىكى" دېگەن تېمىدىكى مەزكۇر پروگراممىغا بىر مىليون 300 مىڭ دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستاندىكى 600 نەپەر ئاخبارات خادىمى، 300 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە 150 نەپەر ھۆكۈمەت باياناتچىسى 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەربىيىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمان ھۆكۈمەت خادىملىرى "بۇ پروگرامما ئۆزبېكىستان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى" دېگەن، بىراق ئۇلار ئۆزبېكىستاندا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئىنتايىن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا جامائەت، ئۆزبېكىستاننى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ 2005 ‏- يىلى يۈز بەرگەن "ئەنجان ۋەقەسى" نى پاش قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن مەتبۇئاتلارنى چەكلەش قىلمىشىنى تەنقىدلىدى.

ئۆزبېكىستان، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.