پاكىستان تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىغا جايلاشقان پېشاۋار شەھىرى يېقىندا تالىبان مىلىتانتلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر تازىلاش ھەرىكىتى باشلاتقان.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.28

بۇ ھەرىكەت پاكىستاندا يېشى ئىش بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى شەنبە كۈنى تالىبان مىلىتانتلىرىنىڭ تاغلىق خەيبەر رايونىدىكى بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت پاكىستان - ئافغانىستان چېگرا رايونىغا جايلاشقان بارا رايونىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان.

ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە كۈچلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشى ۋە قەندەھار شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ تۈرمىدىكى يۈزلىگەن مەھبۇسنى قۇتقۇزۇپ كېتىشى ئافغانىستان، ئامېرىكا ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى بېسىمنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھۇجۇملىرىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بولسا، پاكسىتان ھۆكۈمىتىنى، تالىبانلارنىڭ بولۇپمۇ پاكسىتان - ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.