قازاقىستان 20 توملۇق " قازاق خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى مىراسلىرى" نى نەشىر قىلىشنى باشلىدى
2008.03.02
قازاقىستان ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى، بولۇپمۇ پەلسەپىچىلىرى كوللېكتىپ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق "قازاق خەلقىنىڭ قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان پەلسەپىۋى مىراسلىرى" دېگەن ماۋزۇدا 20 توم ئەسەر نەشىر قىلىش پىلانىنى باشلاپ، ئۇنىڭ تۇنجى تومى " مەدەنىيەت مىراسلىرى" نى نەشىر قىلىپ تارقاتقان ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ توم قازاقىستان پەلسەپە ۋە سىياسەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبىرى، ئاكادېمىك ئابدىمالىك نىسانبايېۋنىڭ يېتەكچىلىگىدە يورۇققا چىققان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 20 توملۇق ئەسەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇپراقلىرىدا تۇنجى قېتىم مىللىي دۆلەت تىلىدا تەييارلىنىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەمگەك بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقلارنىڭ پەلسەپىسى، دۇنيا قاراشلىرى، ئەدەبىياتى شۇنىڭدەك دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نەتىجىلىرى كىرگۈزىلىدىكەن.
20 تومنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن قازاق تىلىدا تەييارلىنىپ نەشىر قىلىنىدىكەن، لېكىن، بىلدۈرۈشلەرگە قارىغاندا، 2009-يىلى يەنە تۇنجى قېتىم ئىنگلىز تىلىدا بەش توملۇق " قازاق پەلسەپىسى" نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلماقچى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقلارنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، قازاق زىيالىيلىرى ئۆز تارىخىي مىراسلىرى ھەم مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ھەم ئۇنى قايتىدىن يېزىپ چىقىپ، جاھان خەلقىغە تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغان. قازاقىستاندىكى بىر ئۇيغۇر تارىخچىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە يېڭىدىن تۈزۈلگەن قازاقىستان ۋە قازاق تارىخى، قازاق كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ھەم باشقا ئەسەرلەردە مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەل فارابى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى كلاسسىكلار ئوخشاشلا قازاق خەلقىنىڭ ئورتاق مەدەنىي بايلىقى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن رۇسىيە قەدىمكى ئۇيغۇر پور-باجىن قەلئەسى فوندى كېلىشىم ھاسىل قىلدى
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقاتتى
- قىرغىسىتاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرسىتان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ھاشىر ۋاھىدىنى خاتىرىلىدى
- قازاقىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە كۆپ ئادەم ئۆلدى
- قازاقىستان 2007- يىلى، 44 جاسۇسنى پاش قىلدى
- مۇرات ناسىروپنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ياش ناخشىچىلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ
- نازاربايېف " سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن "
- نەزەربايىف، خەلق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى
- نازاربايېف، كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبىسىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- قازاقىستان خىتاي ھەربىلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويمايدۇ









