قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، قازاقىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئالتۇنبېك سەرسان بايئوغلۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەنبە كۈنى ئالماتا شەھىرىدە چوڭ يېغىلىش ئۆتكۈزدى. سەرسان بايئوغلۇ 2006-يىلى 11- فېۋرال كۈنى شوپۇرى ۋە قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
شەنبە كۈنىدىكى يېغىلىشتا سۆز قىلغان قازاقىستان ئۈكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى سەرسان بايئوغلۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە كىملەرنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يۇشۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، بۇرۇن پرېزىدېنت نەزەربايىف ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەر ئۆتىگەن سارسان بايئوغلۇنىڭ، سىياسىي بىر سۈيقەستنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەتكە يېقىن كىشىلەرنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
گەرچە ئۆتكەن يىل، سەرسان بايئوغلۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك 10 كىشى قولغا ئىلىنىپ سوتقا تارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستاندىكى سىياسي ئۆكتىچىلەر، بۇ سوتنىڭ، سارسان بايئوغۇلىنىڭ ھەقىقىي قاتىللىرىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياسالما سوت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
قازاقىستان ئۆكتىچى پائالىيەتچىسى گۇلجان يەرگالىيىۋا، ئالماتادىكى يېغىلىشتا قىلغان سۆزىدە، گەرچە پرېزىدېنت نەزەر بايىف، قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئويلىسا، ئۇنىڭ باشتا سەرسان بايئوغلۇنىڭ ھەقىقى قاتىللىرىنى تېپىشى كېرەك، دېدى. (قانات)