نازاربايېف ئاستانا شەھىرىگە ئۆز ئىسمىنى قويۇشقا قارشى چىقتى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ ئۇنىڭ نامىنى ئاستانا شەھىرىگە قويۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ ئىدىيىگە قارشى چىققان. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئىيۇن كۈنى پارلامېنتنىڭ يىغىنىدا ھازىرقى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى " نۇرسۇلتان" شەھىرى دەپ ئاتاش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان ئىدى.

پرېزىدېنت نازاربايېف بۇ تەشەببۇسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال سۆز قىلىپ، بۇنداق ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ھەقىقەتەن بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ دۆلەت پايتەختى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، بىراق، مەزكۇر نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، شەھەر نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نازاربايېف " مەن ھېچ يەرگە كەتمەكچى ئەمەسمەن، مەن داۋاملىق ھالدا خەلقىم قاچانغىچە ماڭا ئىشەنسە، مېنىڭ سالامەتلىگىم يار بەرگۈچە ئۇزۇن ئىشلىمەكچىمەن" دەپ تەكىتلىگەن.

قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ناملىرى يېقىنقى 80 يىلدىن بېرى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلىشى مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئاستانا شەھىرىنىڭ نامىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، مانا ئەمدى ئۇنى يەنە " نۇرسۇلتان" دەپ ئۆزگەرتىش پىكىرلىرى مەيدانغا چىققان.