قازاقىستاندا سايلام جەريانىدا نامايىش قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى


2006.12.25

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف دۈشەنبە كۈنى، سايلام جەريانىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن قانۇنىغا كىركۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى ماقۇللىدى.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تەشكىلاتنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قازاقىستاننىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىلىكى ئۈستىدە ئاۋاز بېرىشنى كېلەر يىلىغىچە كېچىكتۈرگەن ئىدى.

سايلام جەريانىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش نويابىر ئېيىدا قازاقىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. مەزكۇر قانۇن 2005‏- يىلى قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ سايلامدا نەزەربايېف سايلامدا بېرىلگەن ئاۋازلارنىڭ 91 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلام نازارەتچىلىرى، قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىنى تەنقىد قىلىپ، سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرى 17 يىلىدىن بېرى قازاقىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پرېزىدېنت نەزەربايىفنى، ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت نەزەربايىفنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدلىرىنى قوبۇل قىلىپ، سايلام جەريانىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن قانۇننى بىكار قىلغانلىقى، ئۇنىڭ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.