خىيانەتچىلىك، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە
2005.05.05
مەركىزى بريۇسسېلدىكى " توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزى" پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، "قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چوقۇم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك" - دەپ بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر قىرغىزىستاندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرا بىر تەرەپ قىلىنماي، خەلق دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىسمىدىن باشقا ھېچنىمىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلسا، ئۇ ھالدا قالايمىقانچىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە ، قىرغىزىستاندا قارا گۇرۇھلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ چىرىكلىك، قەبىلىۋازلىق ۋە نامراتلىقتىن ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى نامايەن قىلىدىكەن. شۇڭا ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قۇرمانبېك باقىيېفمۇ چوقۇم ئەسقەر ئاقايېفنىڭ خاتالىقلىرىنى قايتىلاشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى، ئۆز يېقىنلىرى ۋە تۇققانلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى بۇ يىل 7 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ رەسمى نامزاتى
- ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستانغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇس - قىرغىز مۇناسۋىتى ھەققىدە توختالدى
- بېشكەكتىكى قالايمىقانچىلىقلار بېسىقمىدى
- قىرغىزىستان پارلامىنتى ئاقايوفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى