قىرغىزىستاندىكى قالايمىقانچىلىق، پرېزىدېنت سايلىمىغا تەھدىت سالماقتا
2005.06.20
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىسىتاندا كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، يېقىندا بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ قىلماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى، مارت ئېيىدا قىرغىزىستاندا ئەسقەر ئاقايوف ھاكىمىيىتى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ نەتىجىسىدە گۇمران بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن ئاي ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. چۈنكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئىسلام كەرىموف بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دېموكراتىك پرىنسىپ ۋە قائىدىلەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى كۆتمەكتە. لېكىن 10 - ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا قىرغىزىستاندا يەنە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باقىيېۋ بېشكەكتىكى ۋەقەنى سابىق پرېزىدېنت تەرەپدارلىرىغا باغلىدى
- بېشكەكتە نامايىشچىلار قالايمىقانچىلىق چىقاردى
- قىرغىزىستاندا ساقچىلار ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلارغا كۈچ قوللاندى
- قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى
- 200 دىن ئوشۇق كىشى قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىگە بۆسۈپ كىردى