قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇشتا 18 ئادەم يارىلاندى
2006.11.07
بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار بېشكەك شەھىرىدىكى مەركىزى چوڭ مەيداندا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشقا 6 كۈن بولدى. قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نامايىش جەريانىدىكى توقۇنۇشتا 18 ئادەم يارىلانغان، نامايىش جەريانىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ساقچى ئەمەلدارلىرى نامايىشچىلارغا ھېچقانداق مىلتىق - قورال ئىشلەتمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئاۋاز بومبىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن نامايىشچىلار قېچىش جەريانىدا ھوشسىزلىنىپ يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يۆ 7 - نويابىر كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن " قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، مەن قىرغىزىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى، قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ۋە شۇنداقلا خەلقىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)