قىرغىزستان پارلامىنتى ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى باشلىدى


2006.11.08

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېشكەكتىن خەۋەر قىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بىرى بولغان قىزغىزستاننىڭ پارلامىنتى 8 ‏- نويابىر كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەتنىڭ بۇرۇن تۈزۈلگەن ئاساسىيقانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش رەسمىيىتى ھەققىدە بەلگىلەنگەن بىر قوشۇمچە ماددا ئۈستىدە پارلامنىت ئەزالىرى ئاۋاز قويغان. يىغىندا ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق، مەزكۇر بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش تەشەببۇسى تەستىقىتىن ئۆتكەن. بۇرۇنقى بەلگۈلىمىدە قىرغىزسىتاندا 300 مىڭ ئادەم ئىمزا قويغاندا ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش مۇمكىن دەپ بىكىتىلگەن ئىكەن. بۇ يېقىندىن بۇيان قىرغىزستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خەلق نامايىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.