قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمەت تەركىبى


2006.12.03

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فلىكىس قۇلوپ يېقىندا ھۆكۈمەتنى تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىلىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ يىلقى نويابىر نامايىشىدا ئۆكتىچىلەر قۇلوپنى ھەمدە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشقا چاقىرغان شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت تەركىبىنىڭ نورمالسىزلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان نارازىلىقلارنى پەسەيتمەكچى بولغان.

قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتكە رۇسىيىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 28 – 29 - نويابىر كۈنلىرىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. پۇتىن قۇرمانبېك ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.