قىرغىزىستان پارلامېنتى پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى


2006-12-25
Share

دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتى، پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىفغا قايتىدىن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەتنى تەيىنلەش سالاھىيىتى بېرىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، نويابىر ئېيىدا قىرغىزىستاندا سىياسىي ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىلىرى نەتىجىسىدە باقىيىف ئاساسىي قانۇندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان باش مىنىستىرىنى ۋە مىنىستىرلارنى تەيىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلىكس قولۇف ۋە ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت بىلەن ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىنى ئىمكانسىزلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنتتىكى باقىيىفنى قوللايدىغان ۋەكىللەر، باقىيىفنىڭ باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەتنى تەيىنلەش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن ھەپتە پارلامىنتقا تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان ئىدى. ئەمما بۇ تەكلىپ پارلامېنتتىكى ۋەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر قىرغىزىستان پارلامنتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر دۆلەت پارلامىنتىنىڭ، پرېزىدېنتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

فىلىكس قۇلوف ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئىستپا بەرگەندىن بېرى، قىرغىزىستاندا تېخى رەسمىي بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلمىدى ۋە سىياسىي كرىزىس داۋاملاشماقتا. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت