قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2004.09.19

قازاقىستاندا يەكشەنبە كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ 80 گە يېقىن ئەزاسى سايلىنىدۇ.

ھازىرغىچە پارلامېنتنىڭ توۋەن پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى پرىزدېنت نازابايوفنىڭ پارتىيەسى كونترول قىلىپ كەلگەن . كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىيىتىنىڭ بار يوقلىغىنى سىنايدىغان سىناق بولۇپقالىدۇ دەپ قارىماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پارلامېنت سايلىمىنى نەچچە يۈز كىشىلىك خەلقارا كۈزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. سايلامغا قازاقىستاندىكى 12 سىياسى پارتىيە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، سايلامغا قاتناشقان پارتىيەلەرنىڭ ئۈچى پرىزىدېنت نازاربايېفنى قوللىغان. ئىككى پارتىيە سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نازاربايېف جەمەتىنى خىيانەتچىلىك بىلەن تەنقىتلىگەن.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا پرىزىدېنت نازاربايېفنىڭ قىزى دارىغانىڭ سىياسى پارتىيە قۇرۇشى، قازاقىستان سىياسى سەھنىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى . دارىغا دادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق پرىزىدېنتنىڭ ئەتراپىدىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ماناپوللۇق ئورنىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكالىغان. دارىغانىڭ سىياسى سەھنىسىگە چىقىشى، ئۆكتىچىلەردىكى نازاربايېف قىزىنى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تەييارلاۋاتىدۇ دىگەن ئەندىشىنى قوزغىغانتى . يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا كۆپ قىسىم جايلاردىكى بىلەت ساندۇقلىرىغا ئېلىكترونلۇق بىلەت تاشلاش ئەسۋاپلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. برىتانىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئېلىكترونلۇق بىلەت تاشلاش ئەسۋاپلىرىغا ئىشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.