ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش خادىملىرى قازاقىستاندا
2006.03.07
ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جان ئوردۋي، ئۆتكەن ئاي ئالماتادا ئۆلتۈرۈلگەن قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچىسى ۋە قازاقىستان ناغىز ئاقيول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالتۇنبېك سەرسانبايوغلىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يەنە بىر نەچچىلىگەن ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىمىنىڭ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، سەرسانبايۇغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قازاقىستاندا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باش ئەلچىسى، يەنە قانچىلىك ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىمىنىڭ قازاقىستانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. لېكىن ئۇ فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ، سەرسانبايۇغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسدىكى تەكشۈرۈشنىڭ "قائىدىلەرگە مۇۋاپىق" ۋە "توغرا" ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، تەكىتلىگەن.
ئەمما، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئاستانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سەرسانبايوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھېلىمۇ نۇرغۇن سۇئاللار مەۋجۇت، دېدى.
قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى، سەرسانبايوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ قازاقىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئېرجان ئوتامبايىف تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر سەرسانبايوغلىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇلار، سەرسانبايوغلىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ئۆكتىچىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر
- قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: سەرسانبايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبى "شەخسىي ئۆچمەنلىك"
- قازاقىستاندا ھەر ساھە ئالتۇنبېكنىڭ قاتىلىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى
- سەرسانبايېفنىڭ ئۆلۈمى قازاقىستاندا سىياسى بوران - چاپقۇن چىقاردى
- قازاقىستان ئاق يول پارتىيىسى رەئىسى ئالتۇنبېكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دىلوسى مۇرەككەپلەشمەكتە