قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى ئەركىنبايېف ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى


2005.09.22

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە 3 - ئايدىكى قىرغىزىستان ئىنقىلابى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان بايامان ئەركىنبايېف، قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەركىنبايېف چارشەنبە كۈنى كەچتە ئوققا تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە جان ئۈزگەن. پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېف، قىرغىزىستاندىكى چوڭ بايلارنىڭ بىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا زاۋۇت ۋە مېھمانخانىلىرى بار. شۇنداقلائۇ بۇ يىل 3 -ئايدىكى قىرغىزىستان ئىنقىلاۋىدا مۇھىم رول ئوينىغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى.

خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ئەركىنبايېف ئىلگىرى يەنە چېلىشىش چىمپيونىمۇ بولغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، ئەركىنبايېفنىڭ 3 - ئايدىكى ئىنقىلاپقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى ھەمدە چېلىشچى ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا باشلامچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

3 - ئايدىكى قىرغىزىستان ئىنقىلاۋى، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ تەختتىن چۈشىشىگە سەۋەپ بولغان مۇھىم بىر ۋەقە. شۇنداقلا بايامان ئەركىنبايېف بۇ يىل 5 - ئايدا بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.