خىتاي -تۈركمەنستان تەبئىي گاز كېلىشىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىدىن ساقلىنىش تەكىتلەنگەن
2007.07.18
تۈركمەنستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېيجىڭدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 30 يىللىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغان.
'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم بۇيىچە، تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيادا بىنا قىلىنىدىغان گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا 30 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز بېرىدىكەن.
'تۈركىيە ھەپتىلىك خەۋەرلىرى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تەبىئىي گاز كېلىشىمىنىڭ 7 - ماددىسىدا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل 'دۈشمەنگە ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرۇش توغرىسىدا 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئىمزالانغان كېلىشىم قايتىدىن تەكىتلەنگەندىن كېيىن، كۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەتنى تېخىمۇ ئوچۇقلاشتۇرۇپ 'ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىدىن ساقلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم' دەپ يېزىلغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركمەنىستان 2009-يىلى خىتايغا گاز ساتىدۇ
- خىتاي بەردىمەمەدوفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە تۈركمەنىستان بىلەن تەبئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
- تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان يېڭى تۇرۇبا يولى ياساشنى پىلانلىماقتا
- تۈركمەنىستان ئامېرىكا بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا
- نازاربايېف، كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبىسىنى خىتايغا تۇتاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى
- تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- قازاقىستان بىلەن ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيە توختىمى تۈزدى