تۈركمەنىستان يېڭى تەبئىي گاز تۇرۇببا يولى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى


2007.08.30

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف، تۈركمەنىستاننىڭ تەبئىي گازىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف، چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىم بىلەن، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ غەربىي رايونىغا سوزۇلىدىغان، 7000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلاتقان.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھېسابلانغان، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىيۇل ئېيىدا بۇ تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق 30 يىل ئىچىدە تۈركمەنىستاندىن خىتايغا 30 مىليارد كۇپمېتىر تەبئىي گاز ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان بەردىمۇھەممەدوف، خىتاي ۋە رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە كېلىشىملىرى ئىمزالىغان.

تۈركمەنىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان ھەر يىلى 70 مىليارد كۇپمېتىر تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ. لېكىن تۈركمەنىستان تەبئىي گاز ئېكسپورت يوللىرىنىڭ ھەممىسى رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى تۈركمەنىستاننى تەبئىي گازىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن رۇسىيىدىن باشقا يوللارنى تاللاشقا ئۈندەپ كەلمەكتە. لېكىن بەردىمۇھەممەدوف ماي ئېيىدا يەنە ، رۇسىيە ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى بىر تەبئىي گاز تۇرۇببىسى ياساش مەسىلىسىدە كېلىشتى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.