ئۆزبېكىستان تۈرمىلىرىدە سىياسىي مەھبۇسلار قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

2006-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆزبېكىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى ئۆزبېكىستان تۈرمىلىرىدە سىياسىي تۇتقۇنلارنى ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناش ۋە ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان قاراقالپاقىستاندىكى "جاسلىق تۈرمىسى" ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قىيناش مەسىلىسىدە بىر سىمۋولغا ئايلانغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 2002‏- يىلىدا جاسلىق تۈرمىسىدە، ئۆزبېك دائىرىلىرىنىڭ ئىككى مەھبۇسنى قاتتىق قىينىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قايناق سۇغا تاشلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئاساسەن مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ تۈرمە ئۆزبېكىستاندا بىر دەھشەت سىمۋولغا ئايلانغان. 2002‏- يىلى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان ب د ت تەن جازاسىغا قارشى كومىتېتنىڭ ۋەكىلى ئۆزبېكىستاندا تۈرمىلەردىكى قىيىن- قىستاقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئۆزبېكىستاندا تۈرمىلەردىكى قىيىن- قىستاقلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەن مۇستەقىل ئۆزبېك ئۇچۇرلىرى تور بېتى، جاسلىق تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بەرگەن مەلۇماتىدا، جاسلىق تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە دەھشەتلىك تەن جازالىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ تۈرمىلەر باش تەپتىشى فارۇق مۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستاندا سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغان قىيناش ۋە بېسىملار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، بۇ خەۋەرلەرنى ئاساسسىز دەپ كۆرسەتتى. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت