ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاندا قولغا ئېلىندى


2005.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لۇتپۇللا شەمشىدىنوۋ، قازاق ساقچىلار تەرىپىدىن ئالما-ئاتادا قولغا ئېلىندى.

لۇتپۇللا شەمشىدىنوۋ، ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ 13 - مايدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئايالى ۋە بەش بالىسى بىلەن قازاقىستانغا قېچىپ بارغان شۇنداقلا ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن ئىدى. شەمشىدىنوۋ ئائىلىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ دۈشەنبە كۈنى ئىككى نەپەر قازاق ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ شەمشىدىنوۋنى ئۆزبېكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى قازاقىستان دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شەمشىدىنوۋ ئۆزبېكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، " تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى مۇقەررەر،" دەپ كۆرسەتتى.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۈچ ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە قازاقىستان ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ناراسىمخا راۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى شەمشىدىنوۋنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلماقتىكەن. لۇتپۇللا شەمشىدىنوۋ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋلار رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئاستانىدا ئۇچرۇشۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى قولغا ئېلىندى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت