ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ۋىزا تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى


2007.02.18

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى يەتتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋىزا تۈزۈمى ۋاقتىنچە بىكار قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى قارا سۇ قاتارلىق چېگرا پونكىتلىرىدا 15 - فەۋرالدىن ئېتىبارەن ئىككى تەرەپ ئاھالىلىرىنىڭ ۋىزاسىز بېرىپ كېلىشى باشلانغان. بىراق، بۇ ۋىزاسىز بېرىپ كېلىشنىڭ مۆھلىتى 60 كۈن بولۇپ، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن يەنە قانداق بەلگىلىمە چىقىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ۋىزا تۈزۈمى 1999 - 2000 - يىللىرىدا ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ قىرغىزىستاننىڭ باتكەن قاتارلىق جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە قوراللىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندە يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئەسلىدە ئۆزبېكىستان –قىرغىزىستان چېگرىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەنجان ۋە ئوش ۋىلايەتلىرىدىكى ئاھالىلار ئەسىرلەردىن بەرى ئەركىن بېرىپ كېلىش قىلغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۆلەت چېگرا ئۇقۇمى بولمىغان ئىدى، بىراق 2000 - يىلى ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇلۇش بىلەن ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئارىسىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلار كېلىپ چىققان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.