قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قازاقىستان ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارماق شۆبىلىرىنى قازاقىستاندا تەسىس قىلغان.
خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا "جۇڭگو خىمىيە-سانائىتى شىنجاڭ تارماق ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ تۇنخې ھەسسىدارلىق شىركىتى ئالمۇتىدا تارماق شىركەت بىلەن سودا ۋاكالەتخانىسى قۇرۇپ، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم غەربىي ئاسىياغا چىقىرىشنىڭ ئاساسىنى سالغان ئىكەن.
مەزكۇر تارماق شىركەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ مەسۇلى ھازىر قازاقىستاندىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ يەردە خىتاي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى كۆپلەپ سېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان سودىسى بەش مىليارت دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاساسى سالماقنى قازاقىستان ئىگىلىگەن، خىتاي تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىزچىل بىلدۈرمەكتە.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا جەم بولدى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
- خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم چوشقىدا بايقالدى