ياڭ جېچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز - ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى جۈمە كۈنى، تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-07-26
Share

 سۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، كېلەر ئاي تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، ئۆز - ئارا سىياسىي ئۇچرىشىشلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، ئەزا دۆلەتلەر بولۇپمۇ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلسىدە مەۋجۇت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك دەپ، كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتكەن ياڭ جېچى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىشلەشكە تەييار، دېگەن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت