ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-21
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-08-24
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنىدىن تارتىپ، 199 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىدىكى ئىككى كىشى ئۆزگىچە ئىكەن، بۇلار فاتاھ پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد ئەبۇ ئالى بىلەن سەيىد ئەر ئاتىبادۇر.
2008-07-21
بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 17 - نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەزكۇر يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان تۈركىيە سودىگەرلىرىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
2008-07-10
تۈركىيە ساقچىلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۈرك ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان جىنايەتچىلەردىن 3 نى قولغا ئالدى.
2008-07-09
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىستانبۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا، نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر پوستا تۇرغان تۈرك ساقچىلىرىغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن جىددىي ئېتىشىش يۈز بەردى. بۇ ۋەقەنى تۈركىيىمۇ، ئامېرىكىمۇ ئوخشاشلا تېررورچىلىق ھەرىكەت دەپ ئاتىدى.
2008-06-10
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى، سەيشەنبە كۈنى سلوۋېنىيىدە ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا، يادرو پروگراممىسىنى توختاتمىغان ئىرانغا قاتتىق ئىقتسادىي جازا يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلدى.
2008-06-09
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ قاتناش - ترانسپورت مىنىستىرى شائۇل موفاز، ئەگەر ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى توختاتمىسا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-06-01
رۇسىيە يازا ئىگىلىك دائىرىلىرى 7 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن تۈركىيىدىن رۇسىيىگە ئېلىپ كىرىلىدىغان بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيىگە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چەك قويۇش پەقەت ۋاقىتلىق خاراكتېرىغا ئىگىدۇر. ئەمما قاچاندىن باشلاپ يەنە قايتىدىن كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؟ بۇ تېخى نامەلۇم.
2008-06-01
يەكشەنبە كۈنى لىۋاندىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىكى ھىزبۇللا پارتىيىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ھەربىي خادىمىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى.
2008-05-18
ئوتتۇرا شەرقتە بەش كۈن زىيارەتتە بولغان ھەم ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى.
2008-05-14
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىسرائىلىيىگە كېلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
2008-05-11
تۈركىيە ھەربىي تەرەپ تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى جايلاشقان نۇقتىلارغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى ھەمدە ئېغىر توپلارنى ئىشقا سېلىپ، پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.