لېئو مايە: «ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە! »
2023.12.26

«بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك! » فىرانسىيەلىك ياش ئۇيغۇرشۇناس، ئۇيغۇر ناۋايلىقى تەتقىقاتچىسى لېئو مايە ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆز سۆزىنى ئەنە شۇنداق باشلىدى.
ياۋروپادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئەمما ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇھىتتىن تولىمۇ ئۇزاقتىكى بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان، شۇنىڭدەك ئاشۇ مىللەتنىڭ كېلەچىكىدىن خۇددى شۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسىدەك ئەندىشىلەنگەن بۇ ياش، جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى ۋە پارىژ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، ئۇيغۇر ناۋايلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لېئو مايە بولۇپ، ئۇ مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ناۋايلىقى ۋە خىتاينىڭ نان سىياسىتى ھەققىدىكى مۇپەسسەل ئىزدىنىشلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان بىر تېما ئىدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدە لېئو مايە ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە لېئو مايە ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ناۋايلىقىغا قىزىقىپ قېلىشى ھەققىدىكى سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ شۇنداق دەيدۇ.
لېئو ئەپەندى ئۇيغۇر ناۋايلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقىلى بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ناۋايلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى تەرەققىياتى، ئۇنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىنى بېيىتىپ ماڭغانلىقى ھەققىدىمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.
لېئو ئەپەندى يەنە پاساھەتلىك ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نانغا باغلانغان تارىخي، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
لېئو مايە ئەپەندى 2023-يىلى پىراگادا چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ نان سىياسىتى» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇنغان. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ناۋايلىقىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالغۇدەك بايانلارنى كۆپلىگەن دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېئو ئەپەندى بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ناۋايلىق مەدەنىيىتىنىمۇ تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
لېئو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ناۋايلىرىنىمۇ جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، كوللېكتىپ ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر ناۋايلىقىمۇ خىتاينىڭ سىياسىي باستۇرۇشلىرىدىن مۇستەسنا قالمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ شۇنداق دەيدۇ.
ئۆزى فىرانسۇز بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرچە تاماقلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما ئۆيىدە بىر ئۇيغۇردەك ياشايدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ناۋايلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى ئارقىلىق «ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە كۈندۈز غېمىنى يە» دەپ ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىگە قىلغان چاقىرىقى ھەممىمىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
بۇ پىروگراممىنىڭ داۋامىنى كېلەركى ساندا ئاڭلىغايسىزلەر!