ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزئارا مەدەنىي ئالاقىلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئۈمىد قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.11.02
qazaqistan-uyghur-senet.JPG قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى ئويۇن كۆرسەتمەكتە. 2014-يىلى (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، 73 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، 1991-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا بىر نەچچە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىن كېيىن قالسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، تارىخىنى ساقلاش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. نوپۇسى جەھەتتىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 1991-يىلى تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى.

55 يىل داۋامىدا ئۆزبېكىستاندا ياشاپ، ئۇنىڭ 40 يىلىنى ئۆزبېكىستان رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىدىكى خىزمەتكە سەرپ قىلغان تونۇلغان شائىر ۋە ژۇرنالىست تاشپولات نامەتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەڭ دائىرىدە راۋاجلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن ئاخىرقى ئىككى يىلدا توختاپ قالغان.

ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ تاشكەنت شەھىرىدە «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بىر قانچە سانلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا ياشلارغا بېغىشلانغان «ئۈمىد» ژۇرنالنىڭ نەشر قىلىنىپ، ئومۇمەن ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «30-60-يىللاردا ئۇيغۇر، پانفىلوف ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئىلىم ۋە بىلىمگە بولغان تەشنالىق ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا كېلىپ، تۈرلۈك ئالىي ئوقۇشلاردا ئوقۇپ، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ يېتىلدى. ئۇلار خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىدە ئىشلەپ، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۆسۈشىگە، مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىچە، مەدەنىيىتىنىڭ يەنىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا ئۆزلىرىنىڭ چوڭ ھەسسىسىنى قوشتى. 60-يىللاردىن باشلاپ بۇ يەنىمۇ كۈچەيدى.»

تاشپولات نامەتوف 70-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دۇردانىسى «12 مۇقامىنى» قايتىدىن ئۆگىنىش، تىكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، شۇ مەقسەتتە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە قازاقىستاندىكى نۇرمۇھەممەت ناسىروف، سۇلتانمۇرات رەزەموف قاتارلىق مۇقامچىلارنىڭ تاشكەنتكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مەزكۇر مۇقامچىلارنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگىكى ئارقىسىدا مۇقاملارنىڭ رەتلىنىپ، تۈزىتىلىپ، ئىشلىنىپ، پلاستىنكىغا يېزىلغانلىقىنى ھەم قازاقىستان رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىكىنىڭ چوڭ كونسېرت زالىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشپولات نامەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ سوۋېت دەۋرىدە، يەنى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بولغان يىللىرى بارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىلەر ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، بۇ ئالاقىلەر پەقەت مۇستەقىل يىللىرى ئارىدا چېگرالار پەيدا بولغاندىن كېيىن سەل سۇسلىشىپ قالغانىكەن.

ئۇ يېقىندا قازاقىستاندىن كەلگەن بىر توپ زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەنە شۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە بولغانلىقىنى، كېلەچەكتە رەسمىي سەپەرلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مەدەنىي ئالاقىلەرنى يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئالاقىلىرى ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئەنئەنىلىرىنى يوقاتمىدى. بىز مەركەزلەر ئارقىلىق بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىشلىرىمىزغا مۇناسىپ باھالىرىمىزنى بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ بىلىم ئېلىپ، كېلەچەكتە ياخشى زىيالىيلاردىن بولۇپ، بىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ يېتىلىشىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئىشلەيدۇ. بىراق بىزدە ئۆز تىلىمىزدا بىرەر مەكتەپ يوق. شۇ يولدا بىز ھازىر ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز».

تاشپولات نامەتوف ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندىكى قان-قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ئالاقىلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوف ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى باشلىنىشتىن ئالدىنقى يىللاردا قازاقىستان بىلەن ئالاقىلەرنىڭ قويۇق بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى بىزگە بىر ھەپتىگە مېھمانغا كەلدى. ‹تۈركىستان› سارىيىدا چوڭ كونسېرتلارنى ئۆتكۈزدۇق. ئارىلىقتا پۈتكۈل دۇنيا ئاغرىققا دۇچ كەلدى. ئاخىرقى ئىككى يىلدا پائالىيىتىمىز سەل ئاسقاقلاپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بىز كۆپ ئىشلارنى قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە كۆپ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. يەنە بىر خۇشاللىق قازاقىستاندىن بىر قانچە ئالىملىرىمىز بىلەنمۇ ئۇچراشتۇق».

ئالىمجان زايېتوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىش «ياۋرو-ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ماۋزۇسىدا ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا تاشكەنتتىكى تۈرك، قازاق، تۈركمەن ۋە باشقىمۇ تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچىلار، رەسساملار، ئۆزبېكىستان مىنىستىرلار كېڭىشى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي ئالاقىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئىلگىرى، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ھۆكۈم سۈرگەن يىللىرى ئىككى مەملىكەت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلەر قويۇق راۋاجلانغانىدى. يەنى بولۇپمۇ قازاقىستاندىن ياشلىرىمىز ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بولۇپمۇ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە قول يازمىلار ئىنستىتۇتىغا تەجرىبە ئېلىش سەپەرلىرىگە پات-پات باراتتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشكە مۇمكىنچىلىك ئالاتتى. كۆپلىگەن ئالىملىرىمىز ئۆزبېكىستاننىڭ ئىلىم دەرگاھلىرىدا ئوقۇدى، ئىككى ئوتتۇرىدا بىرلەشكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئەمما ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۆز پائالىيىتىنى توختاتقاندىن كېيىن بۇ ئالاقىلەر بارا-بارا سۇسلىشىپ، ئۈزۈلدى. مەزكۇر ئىنستىتۇت ئىلمىي مەركەزگە ئايلانغاندىن كېيىن بىز يەنە شۇ ئالاقىلىرىمىزنى تىكلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاد دوكتورى ئامان جەلىلوف بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى بىرلىشىپ، 19-ئەسىر شائىرى خۇشھال غېرىبىنىڭ ‹كۈللىياتى خۇشھال غېرىبى› كىتابىنى نەشر قىلدۇق. بۇ ئەنە شۇ ئالاقىلىرىمىزنىڭ تېخى ئۈزۈلمىگەنلكىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ بىلىمەن. ئەلۋەتتە، بىز بۇ ئالاقىلەرنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا ھەر قاچان تەييار.»

رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئىلىم-پەن، سەنئەت ساھەلىرى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» گېزىتى ئوخشاش بىرەر گېزىت نەشر قىلىش ھەرىكەتلىرى نەتىجە بەرمىگەنىكەن. ئۇ ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قازاقىستاندىمۇ تارىلىپ، كېيىن بەزى سەۋەبلەرگە بولا چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىدېئولوگىيە بولدى. ئۆزبېكىستاندا تەسىس قىلىنغان ژۇرناللار تەبىئىي ھالدا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى. «تەكلىماكان» نېمە ئۈچۈن چەكلەندى؟ ئاساسىي قارىمۇ-قارشىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە چىقتى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىمۇ بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك، كەمچىلىكلەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن بۇ جەمئىيەت ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەن ئۆزبېكىستانغا بېرىپ كەلدىم، جانلىنىش بار، مەدەنىيەت مەركىزى ئەزالىرىنىڭ ئىلگىرىكىلىرى، كېيىنكىلىرى بولسۇن، ياخشى زىيالىيلىرىمىزمۇ بار. باش قوشسا، ئويلانسا، ياخشى بولاتتى. قازاقىستاندىن كىرىدىغان گېزىت-ژۇرناللارغا چەك يوق. لېكىن بىر مۇھىم مەسىلە بار. ھازىر مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى پايدىلىنىۋاتقان بىر شەخسلەر بار، مانا مۇشۇنىڭغا خاتىمە بېرىش كېرەك.»

ئالىمجان ھەمرايېف كېيىنكى ۋاقىتلاردا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ خېلى ياخشىلىنىپ، ئالىملار ئارىسىدىمۇ ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئارا بېرىپ-كېلىشلەرنىڭمۇ چەكلەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى خېلەم خۇدابەردىيېف چوڭ رول ئوينىغانىكەن. دەسلەپتە مەزكۇر مەركەزنىڭ ئىش-پائالىيىتى تاشكەنت شەھىرى دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ كەلگەن بولسا، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان رايونلاردىمۇ كەڭ دائىرىدە تەرەققىي ئېتىپ، جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە ئېرىشكەنىدى. ئاخىرقى 12 يىل داۋامىدا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەلىمە باراتوۋا تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا ھۈسەن ئىسكەندەروف رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.