راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار: «ساناقلىق كۈنلىرىمىز قالدى، تەقدىرىمىز قانداق بولىدۇ، بىلمەيمىز!»
2024.03.26
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان «قانۇنسىز مۇساپىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى» نامىدىكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىدە، پاكىستاندىكى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىر نىشان قىلىنغانىدى.
ئىلگىرىكى زامانلاردا ئۇرۇش ۋە باشقا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان تەۋەلىكىگە كىرىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار «ئافغانىستانلىق مۇساپىر» دېگەن سالاھىيەت بىلەن تىزىملىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ قولىدا «ئافغانىستانلىق مۇساپىر» دېگەن نامدىن باشقا ھېچقانداق قانۇنىي كىملىكى بولماي كەلگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇر مۇساپىر، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتى باشلاتقان «قانۇنسىز مۇساپىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى» دە قايتىدىن ئافغانىستانغا ياكى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك نامەلۇم تەقدىرىگە يۈزلەنمەكتە ئىدى.
بۇ ئەھۋال رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشى نەتىجىسىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋاقىتلىق قارار چىقىرىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تۇرۇش ۋاقتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىپ بەرگەن ئىدى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا چىقىرىپ بەرگەن بۇ ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىنىڭ مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، راۋالپىندىدا ياشايدىغان 18 ئائىلە، جەمئىي 100 گە يېقىن ئۇيغۇرمۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىنىشكىسىغا ئېرىشكەن. ھالبۇكى، پاكىستاندا ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىنىڭ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۇزارتىپ بېرىلگەن ۋاقىت قەرەلى توشۇشقا يەنە بىر قانچە كۈنلا قالدى. ناۋادا ئۇلار پاكىستاندىن چىقىرىۋېتىلسە، قايسى دۆلەتكە بارىدىغانلىقى ياكى قايسى بىر ئورۇننىڭ ئۇلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقى ھېلىھەم نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.
پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ 24-مارت رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 23-مارت كۈنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىشى ھامان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنى چېگرادىن قوغلاش ھەرىكىتىنى جىددىي ئېلىپ بېرىشنى ئۇقتۇرغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تەقدىرىنىڭ تېخىچە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتىدىن ئەنسىزلىككە سېلىپ قويغان.
تۇرغۇنجان مۇھەممەت تۇرسۇن ئافغانىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇرلاردىن. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغانلىقتىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مۇساپىر بولۇپ پاكىستاندا پاناھلانغان. ھازىر ئۇنىڭ پاكىستاندا ياشاۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن پاكىستاندىكى ئېغىر ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سورىدۇق.
تۇرغۇنجان، پاكىستان دائىرىلىرى تارقاتقان يېڭى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەمسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پاكىستان ھۆكۈمىتى ھېيتتىن كېيىن ئافغانلىق مۇساپىرلارنى ھەيدەيمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار بىزنىمۇ ئافغانىستانلىق مۇساپىر قاتارىدا سانىغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىمۇ ھەيدىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ھېچقانداق يەردىن بىر خوش يوق. 5-6 ئاي بولۇپ قالدى، تېخى ھېچ بىر ئۇچۇر كەلمىدى، بىلمىدۇق، روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئاللاھغا تاپشۇرۇپ ئولتۇردۇق. ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت! . . .»
بىز بۇ ھەقتە ئېنىقراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدۇق، ئەمما ئۇلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى، ئالغانلىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
بىز يەنە ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق. بىز بۇ ئىشخانىنىڭ مەسئۇل خادىمىدىن پاكىستان دائىرىلىرى چىقارغان يېڭى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سورىدۇق.
ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن قىسقا يازما جاۋابىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى تارقاتقان بۇ ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋىرى بار ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى: «بىز بۇنى بىلىمىز، ئەمما ھۆكۈمەت تېخى رەسمىي ھالدا بۇنى ئىجرا قىلمىدى. بىز بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
بىز يەنە ئۇنىڭدىن راۋىلپىندىدىكى 18 ئائىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە بېرىپ پاناھلىنىشى مەسىلىسىدە بىرەر ھەل قىلىش يولىنىڭ تېپىلغان-تېپىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ھازىرچە بۇ توغرىلىق ھېچقانداق يېڭى خەۋەر يوق. بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، مەن ھازىرچە بۇ توغرىلىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ».
ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىنىڭ بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشكىلى بولمىدى. ئۇ جاۋابىدا گەرچە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەيلى ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى بولسۇن ياكى پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسۇن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئېنىق ھەم ئىشەنچلىك ئۇچۇر بېرەلمىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ پاكىستاندا تۇرۇش ۋاقتى يەنە ئۇزارتىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ قانچىلىك مۇددەتكە ئۇزارتىلىدىغانلىقىمۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
ئىگىلىشىمىزچە، 1979-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى تۇيۇقسىز ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئون يىللارغا سوزۇلغان سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ پاكىستانغا قاچقان زور مىقداردىكى ئافغانىستانلىق ئۇرۇش مۇساپىرلىرى قاتارىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرى پاكىستانغا كېلىپ راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر مەھەللىگە يەرلەشكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ پاكىستاندا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادلىرى تۇغۇلۇپ، ئومۇمىي سانى 100 گە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇلارغا ۋەتەنداشلىق، قانۇنلۇق پاسپورت ۋە ياكى ياكى ئىقامەت بەرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ پاكىستاندا نورمال ياشىشى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشى، خىزمەت تېپىشى ۋە باشقا جايلارغا ئەركىن-ئازادە بېرىشى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن.
ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇساپىرچىلىقنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق تەمىنى تېتىپ ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار، بۈگۈن ھەم نامەلۇم تەقدىرىنى كۈتۈپ ئەندىشە، ئەنسىزچىلىك ۋە غەم-قايغۇ ئىچىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكتىكەن.









