«شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» ئەۋەتكەن ياردەم پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تەگكەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.05.13
omer-uyghur-xexpi-virus-yardem.jpg ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پىدائىيلىرى «شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە رەھمىتىنى بىلدۈرمەكتە ۋە سېتىۋېلىنغان ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2020-يىلى 11-ماي، پاكىستان.
Ömer Uyghur Ependi teminligen

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» تەرىپىدىن يوللانغان ئىقتىسادىي ياردەمنى تاپشۇرۇۋالغان. مەزكۇر ياردەم 8-ماي كۈنىدىن باشلاپ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، ئىسلامئاباد قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلىشقا باشلىغان.

11-ماي كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 8-ماي كۈنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىقتىسادىي ياردەمنى راۋالپىندىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار 150 تەك ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ۋە ئىسلامئابادتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەرگەن. ئۇلار 11-ماي دۈشەنبە كۈنى ئىفتاردىن كېيىن يەنە 70 ئۇيغۇر ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىدىكەن. ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىن ئارىدا يەنە پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگراداش گىلگىتتا ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توپلانغان ئىئانە ياردەملىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش سەپىرىگە جىددىي تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى مەزكۇر ياردەمنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ئۆتكەن ئايدىن باشلانغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كارانتىن قىلىش سەۋەبلىك پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. بۇ قېتىم تارقىتىلغان ياردەم «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ مۇراجىئىتىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» تەرىپىدىن توپلانغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئىقتىسادىي ياردەم ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ باش مەسئۇلى ئىكەن.

تۇرغۇنجان ئەپەندى 11-ماي كۈنى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» نىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇراجىئەت ئېلان قىلغاندىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توپلانغان ياردەم پۇللىرىنىڭ پاكىستان، ئافغانىستان، مىسىر، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتىلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.