پەرىدە ئەمەتنىڭ لاگېر ساقچىسى بولغاندىن كېيىنكى سىرلىق ئۆلۈمى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.02.17
پەرىدە ئەمەتنىڭ لاگېر ساقچىسى بولغاندىن كېيىنكى سىرلىق ئۆلۈمى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى پەرىدە ئەمەت.
Photo: RFA
peride-emet-4.png

peride-emet-1

peride-emet-2

peride-emet-3

peride-emet-5

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ لاگېر باشلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ساقچى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھارغىنلىقتىن ياكى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ۋەزىپە ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ھەمدە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئالاھىدە دائىم كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا گۇمان قوزغىغايدىغان بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەمما ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يەتكۈزمەكچى بولغان بۇ جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى پەرىدە بولسا، ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدە جان ئۈزگەن. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، 1975-يىلى تۇغۇلغان پەرىدە ئەمەت نامەلۇم سەۋەبلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇلۇپ 3 ئاي ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى گۇمان قوزغىماي قالمايدىكەن.

زۇمرەتنىڭ دەپ بېرىشىچە چۈنكى پەرىدە ئالدى بىلەن ئۇ بىر ئەخلاقلىق مەسئۇلىيەتچان ئايال ۋە بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى، ئەڭ مۇھىمى پەرىدە ئۆلۈپ كېتىشكە ئاز كۈن قالغان مەزگىللەردە، زۇمرەت داۋۇتنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ داۋانچىڭدا بىر ئوكۇل ئۇرۇلۇش بىلەن ئاغرىپ يىقىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئۇ كۈنى پەرىدەنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۇنتۇيالماي كەلگەن زۇمرەت، ئازابلار ئىچىدە بۇ قورقۇنۇچلۇق ھېكايىنى ئەسلەپ ئۆتتى:

زۇمرەت ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ لاگېر بولغان داۋانچىڭ لاگېرىدا، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان سوراق جەريانىدىكى قاتتىق قىيناقلارغا شاھىت بولۇش جەريانىدا پەرىدەنىڭ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ھوشىدىن كەتكىنىدە، نەق مەيداندا باشقا خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇنىڭغا سوراقخانىدىكى ئۈستەل تارتمىسىدىن ئېلىپلا ئۇرۇلغان نامەلۇم ئوكۇل، دەل پەرىدەنىڭ كېسەل بولۇشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئامىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. پەرىدە كېيىن ئۆزىگە شۇنداق ئوكۇل ئۇرۇلغانلىقىنى زۇمرەتكە سۆزلەپ بەرگەنىكەن.

زۇمرەت ئۆزىنىڭ پاكستانغا كېتىش قارارىنى ئېلىشىغا دوستى پەرىدەنىڭ «قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن بۇ يەردىن قۇتۇل» دېگەن نەسىھەتىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

زۇمرەت ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى پەرىدەنى: «ئۇ ئۆزى خالاپ ساقچى بولمىغان»، دەيدۇ. زۇمرەتنىڭ ئېيتىشىچە، پەرىدە ئەمەتنىڭ دادىسى ئەمەت ئەپەندىمۇ ئىلگىرى ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ بىر قېتىملىق ۋەزىپىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئىنقىلابىي قۇربان» غا ئايلاندۇرۇلغان. قىزى پەرىدەنى بولسا دادىسىنىڭ تۆھپىسى سەۋەبلىك ساقچى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاخىرىدا ئائىلىسى بويىچە ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. پەرىدە، 2016-يىلى يەنى لاگېر باشلىنىشتىن بۇرۇن مەخسۇس گۇاڭجۇدا لاگېرلارنى باشقۇرۇش توغرىلىق بىر قانچە ئايلىق مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 2017-يىلى داۋانچىڭدا دەسلەپكى لاگېر قۇرۇلغاندا، لاگېر ساقچىسى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەنىكەن.

زۇمرەت دوستىنىڭ بۇ ئۆلۈمىنى «سىرلىق ئۆلۈم» دەپ ئاڭلىتىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىشلەتكەن تېلېفوندا ساقلىنىپ قالغان پەرىدەنىڭ ئۈندىدار سۇپىسدىكى خاتىرە سۈرەتلەر، ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلار ۋە پەرىدە ئۆلۈپ كېتىپشتىن 10 كۈنچە ئىلگىرى ئىخشانىسىدا تارتىپ، زۇمرەتكە ئۇندىدار ئارقىلىق ئەۋەتكەن، ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدىغان ئاخىرقى سۈرىتى ۋە يەنە ئەينى چاغدا، پەرىدەنىڭ 15 ياشلاردىكى ئوغلىنىڭ، ئاپىسىنىڭ ئۆلۈم ۋە نەزىرى ھەققىدە ئۈندىدار ئارقىلىق پەرىدەنىڭ دوستلىرىغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئورتاقلاشتى.

گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، مەزكۇر نازارەت ئائىلىلىكلەر قورۇسى ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز نەتىجىسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما زۇمرەت داۋۇت تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرى سابىق ساقچى پەرىدەنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق تەرىپىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

بىز زۈمرەت داۋۇتنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن ساقچى پەرىدە ئەمەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنقلاش ياكى دەلىللەش ئىمكانىيىتى يوق شارائىتتا، پەرىدەنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى سوئاللىمىزنى ئەيدىز مۇتەخەسىسلىرىدىن، ۋاشىنگتون مەركىزىي دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىگە مۇراجئىەت قىلدۇق.

جۈرئەت ئەپەندىم پەرىدەنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلۇپ، يۇقۇملىنىش نەتىجىدە 3ئاي ئىچىدە قازا تېپىشى مۈمكىن ئەمەس دەپ ئانالىز قىلدى.

زۈمۇرەت يەنە، گەرچە پەرىدە ساقچى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىسى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ھەتتا جەمىيەتكىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كەلگەن، مېھرىبان بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئاممىۋى ساخاۋەت ئىشلىرىگىمۇ ئاۋاز قوشۇپ ۋە ئۆز مائاشىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.