مايك پومپېيو «دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن، ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.07.19
مايك پومپېيو «دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن، ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ئامېرىكادىكى «خۇدسون ئىنستىتۇتى» نىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن، ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا (ئوڭدىن سولغا) ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، كېننىس ۋېينشتېين ۋە «نەھداتۇل ئۆلىما» نىڭ باش كاتىپى يەھيا چولىل ستاكف ئەپەندىلەر . 2021-يىلى 16-ئىيۇل.
hudson.org

16-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركىزى بولغان «خۇدسون ئىنستىتۇتى» نىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى بىلەن «دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن، ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان» تېمىسىدا بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ھىندونېزىيەنىڭ دۇنيادا 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتى بولغان «نەھداتۇل ئۆلىما» (Nahdlatul Ulama) نىڭ باش كاتىپى يەھيا چولىل ستاكف قاتناشقان. داڭلىق مۇسۇلمان ئالىمى بولغان يەھيا چولىل ستاكف ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە «ئىنسانپەرۋەر ئىسلام» ناملىق ھەرىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ھىندونوزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودوغا مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن.

مەزكۇر يىغىننىڭ چۈشەندرۈلۈشىدە ئېيتىلىشىچە، «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك رىقابەتلەر مەۋجۇت ئىكەن. بۇ يىغىندا ھىندونوزىىيەلىك دىنىي ئالىم ۋە سىياسىيون يەھيا چولىل ستاكف ‹ئوچۇق ۋە گۈللەنگەن ھىندى-تېنچ ئوكيان› ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى مانا بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا ئەركىن-ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ئورتاقلاشقان. يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بىر قانچە قېتىم سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن يەھيا چولىل ستاكف سۆز قىلىپ، ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىم رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش، بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۈچىيىشىنىڭ خەۋپ ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «رايوندىكى ۋەزىيەت ھازىر ياخشى ئەمەس. مەسىلىلەر كۆپ. بىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە رايوندىكى كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق پەقەت يالغۇز بىر كۈچنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى پەقەتلا بىر دۆلەتنىڭ مۇتلەق كۈچلۈك بولۇشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتە بولسا بىز رايونغا تېنچلىق، ئەركىنلىك ۋە ئوچۇقلۇق ئەكىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىز خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك ۋە بىز بۇنى خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە رايوندا تېنچلىق بەرپا قىلىش، دىنلار ئارا ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا سەۋر بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت رىقابەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكانىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن گەپنى ئۇدۇللا دېسەم، بىزگە كۈچلۈك ئامېرىكا كېرەك. پۈتۈن دۇنياغا كۈچلۈك ۋە بىردەكلىككە ئىگە بولغان ئامېرىكا كېرەك. دۇنيادىكى بۇ ئىدىيە كۆرەشلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىشىشى بىز ئۈچۈنمۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس. ھىندونېزىيەدە ناھايىتى كۆپ مىللەتلەر، كۆپ دىنلار مەۋجۇت بىر يەر بولۇپ، پەرقلەر ئىنتايىن زور. ھىندونېزىيە تارىخىدا ناھايىتى ئېغىر پاجىئەلەرمۇ يۈز بەرگەن. ئەمما بىز پەرقلىرىمىزنى ئۆچ كۆرۈش ئورنىغا ئورتاق ياشاشنى، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنى تاللىشىمىز كېرەك»

سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتىم. بۇ بىر سىموۋل خاراكتېرلىق بىر ئاتاپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان بىر چاقىرىق ئىدى. مەن شۇ چاغدا قەيەرگە بارسام ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالدىم. مەن بۇ ھەقتە گەپ قىلغاندا، داۋاملىق نېگىزلىك ئىنسانىي قىممەت قاراشلاردىن سۆز باشلىدىم. ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر خەلققە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ئىنسانلىق جەھەتتىن توغرىمۇ، سىلەر بۇنى توغرا دەپ قارامسىلەر، دەپ سورىدىم. ئەلۋەتتە بۇ ئىنتايىن مۇھىم سوئال ئىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەيلى ئوتتۇرا-شەرق دۆلىتى رەھبەرلىرى بولسۇن، مەيلى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۇنى توغرا دېمىدى. بىلگىنىمىزدەك، ئۇلار خىتاينىڭ تەسىرى ۋە سىياسىي ئاقىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن بۇ مەسىلىدە پەرقلىق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ھېچقايسىسى بولۇۋاتقانلارنى توغرا، دەپ باققىنى يوق. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بىز ئىنسانىيەت ھەققىدە ئورتاق قىممەت قاراشلارغا ئىگە. ئەگەر ھەممىمىز ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقاندەك بىر ئىنساننى قۇل قىلىش، ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشى، پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلەش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش، تىلىنى، دىنىنى چەكلەشنى خاتا، قوبۇل قىلغۇسىز دەپ قارايدىكەنمىز، ئۇ ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ مۇشۇنداق ئىشلارنى تۈزىتىدىغان، ئۇنى چەكلەيدىغان بىر مېخانىزىم، بىر ئۇسۇل قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مەن بۇنى ئۆز خىزمەتلىرىمنىڭ باش نىشانى قىلغان ئىدىم. مەنچە، بىز ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇتنۇپ قالمىساقلا، مۇشۇ ئورتاق قىممەت قاراش ئىچىدە چوقۇم ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدا تېنچىلىق بەرپا قىلالايمىز.»

بۇنىڭ بىلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان خۇدسون ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى كەنېت ۋېينىستىين ئەپەندى سۆز قىستۇرۇپ: «سىزنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەپ سۆز قىلىشىڭىز تولىمۇ جاسارەتكە تولغان بىر ھەرىكەت ئىدى. كاشكى بۇرۇن يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن يىللاردىمۇ ئەينى چاغدىكى تاشقىي ئىشلار مىنستىرى ۋە پرېزىدېنت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلالىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈن دۇنيا تېخىمۇ ياخشى جاي بولغان بولاتتى،» دېدى.

مايك پومپېيو يەنە سۆزى داۋامىدا يەنە دۇنيانىڭ كۈچلۈك ئامېرىكاغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، خىتاي بىلەن روسىيەگە ئوخشاش يامان غەرەزلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەرۋاقىت ئامېرىكانىڭ ئاجىزلىقلىرىنى كۆزلەپ تۇرۇدىغانلىقى، مەسىلەن، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك» ھەرىكىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇڭا ئامېرىكانى ئامېرىكا قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى يادرو قىلىدىغان بىر دۇنيا سېستىمىسى قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يادرولۇق مۇئەسسەسەلىرىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئارقىدىن ھىندونېزىيە دىنىي ئالىمى ۋە سىياسىيون يەھيا چولىل ستاكفمۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر ھىندونېزىيە ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زور تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى رېياللىق بولسا ھىندونېزىيە، مالايسىيا، كامبودژا ۋە ۋېيتنامغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىز ھەممىمىز ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بولسا رايوندا زور كۈچ بولۇپ تەرەقققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، مەن خىتاينى يامان غەرەزلىك كۈچ، دەپ تەنقىدلىمەيمەن. بىراق مېنىڭ بۇ يەردە دىققەت تارتماقچى بولغىنىم، رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە بۇ كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى مۇقىمسىزلىق ۋە تېنچىسزلىقتۇر. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندونېزىيە تېرىتورىيەسىنىمۇ كېسپ ئۆتىدىغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئوچوق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھىندونېزىيە خىتاي بىلەن مۇزاكىرىگە ئولتۇرىدىغان بەلگىلىك بىر كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر. ئەمما بۇ يەردە كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى بولغانلىقتىن بىزنىڭ سودىلىشىش كۈچىمىز ئاجىز، مانا بۇ بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ئېغىر تەھدىت ئاستىدا دېگەنلىكتۇر،» دېگەن.

ئۇ يەنە بۇ مەسىلىنىڭ پەقەتلا ھىندونېزىيەگە خاس ئەمەس، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ: «بىز رايوندا دەرھال كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك، شۇڭا ئامېرىكا كۈچلۈك بولۇشى ۋە رايوندا بىر كۈچ بولۇپ تۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

مايك پومپېيو ئەپەندىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قوللاپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ قۇدرىتى ۋە نىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر خەۋپ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئوخشاش كۆز قاراشتىكى شېرىك دۆلەتلەر بىرلىككە كېلىشى كېرەك. بۇ تېرىتېرىيەلىك، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشى ئەمەس، بەلكى بىر ئىدىيە توقۇنۇشىدۇر. بىز بىرلىككە كېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىيە، قانۇن ئاساسىدىكى سىستېمىمىزنى ۋە بۇ قىممەت قاراشلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.»

يەھيا چولىل ستاكف ئەپەندىمۇ مايك پومپېيونىڭ سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى جىددىي مۇزاكىرىلەرنىڭ دەرھال باشلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمدى ۋاقىت قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇ ئىلگىرى ۋەزىپىدە مەزگىلىدە، يەنى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا قارشى ھەق مەيداندا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان. مايك پومپېيو ئەينى چاغدا ھىندونېزىيەدىكى بىر مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزىدە، ھىندونېزىيەنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىگە قارشى مۇستەھكەم مەيداندا تۇرۇشقا، خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.