مايك پومپېيو: «ھىندونېزىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا قارشى ھەق مەيداندا چىڭ تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.10.30
pompeo-hindoneziye-uyghur-mesilisi.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلغاندا سۆز قىلدى. 2020-يىلى 29-ئۆكتەبىر، جاكارتا، ھىندونېزىيە.
REUTERS

ھىندونېزىيەنىڭ يېقىندا تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھىندونېزىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ بولغان ھىندونېزىيەنىڭ بۇ قارارى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، خىتاي بىلەن يوشۇرۇن سودىلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە ئىلمى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيە ۋە باشقا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىقتىساد جەھەتتە خىتايغا، خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئامېرىكىغا باغلانغان. ھىندونېزىيەنىڭ 70 پىرسەنت ئىقتىسادى خىتايلارنىڭ قولىدا، ھىندونېزىيەنىڭ يەنە خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بار. بۇنداق ئەھۋالدا ھىندونېزىيەنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى تەس.»

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا قارشى ھەق مەيداندا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان. «ۋال سىترېت ژۇنىلى» گېزىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن ھىندونېزىيەدىكى بىر مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىغا قىلغان سۆزىدە ھىندونېزىيەنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىگە قارشى مۇستەھكەم مەيداندا تۇرۇشقا، خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە خىتاب قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

مايك پومپېيو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى بىلىمەنكى، خىتاي كومپارتىيىسى ھىندونېزىيە خەلقىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتايدىكى ئازابىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە ئۇيغۇلارغا ئائىت يالغان ھېكايىلەرنى توقۇيدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، تېخىمۇ ‹زامانىۋىلىشىشى›، ئاندىن خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىلەر مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆز يۈرىكىڭلارغا قول سېلىپ بېقىڭلار، پاكىتقا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.»

مايك پومپېيو يەنە مۇنداق دېگەن: «دىنسىز خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى قەبىھ باستۇرۇشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ياكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ زۆرۈر شەرتى دەپ دۇنيانى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھالبۇكى، بىز بىلىمىزكى، مۇسۇلمانلارنى رامازاندا ئېيىدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ مازارلىقىنى چېقىپ تۈزلىۋېتىش ھەرگىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەس.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ھىندونېزىيەنىڭ گەرچە مۇسۇلمانلار دۆلىتى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىچە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىقىنىڭ ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئامېرىكانى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى چوڭايتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان زىددىيىتىگە ئارىلاشماي، بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 260 مىليون نوپۇسقا ئىگە ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يەنە خىتاي شىركەتلىرىدىن كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەن. شۇڭا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ دۆلەت باشلىقلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن ئەللەر ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا قەستەن چوڭايتىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلسىمۇ، خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى دەپ خىتايغا قارشى چىقالمايدىكەن. ھالبۇكى، ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى ياۋروپانىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، ھەتتا لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ھوشيار بولۇشقا ئۈندەۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۇكو فىزىسايا (Teuku Faizasyah) مايك پومپېيونىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. ھىندونېزىيە يەنە خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېندوزىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى ئىگىلەپ بېقىشىغا رۇخسەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.»

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مايك پومپېيو ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشنى ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە ئالدىنقى ئايدا ۋاتىكاندا قىلغان سۆزىدە خىتايدىكى دىنىي زۇلۇمنى ئەيىبلەپ: «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھېچقانداق دۆلەت خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ،» دېگەنىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مايك پومپېيو سۆز قىلغان مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتى بولغان نەھدەتۇل ئۇلېما تەشكىلاتىنىڭ ياشلار شۆبىسى ئىكەن. بۇ تەشكىلات 1926-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى سۈننىي مەزھەپ ئەقىدىسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىدىكەن. بۇ تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرمەي كەلگەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە بېرىپ مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ كېيىن بۇلارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ كۆزىنى بوياپ يولغا سالغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەت بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە مايك پومپېيونىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.