ئىستانبۇلدا ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.02.12
abduqadir-yapchan-sot.jpg ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيى ئالدىغا يىغىلغان جامائەت. 2019-يىلى 12-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىدا سوت ئېچىلدى. ئابدۇقادىر ياپچان بۇ قېتىمقى سوتقا ئۆزى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تېكىرداغدىكى ئورنىدىن تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلدى. سوت شۇ يەر ۋاقتى 15:00 تە باشلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۈچ كىشى سوتچىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئادۋوكاتنىڭ ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدىكى سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئابدۇقادىر ياپچاننى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇغۇر يىلدىرىم ۋە ئىبراھىم ئەرگىن قاتارلىق 5 نەپەر ئادۋوكات قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ ئابدۇقادىر ياپچانغا جىنايەت ئارتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دەلىل-پاكىتلارنىڭ جىنايەت ئارتىشقا يېتەرلىك دەلىل-پاكىت بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيە قانۇنى بويىچە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

سوت جەريانىدا ئىستانبۇل چاغلىياندىكى ئادالەت سارىيىنىڭ ئالدىغا ئەر-ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر توپلانغان بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك»، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. سوت زالىغا ئۇيغۇرلاردىن پەقەت 30 كىشىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىپ، قالغانلىرى سىرتتا ساقلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، رەسىملەرنىڭ ئاستىغا، ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك! ، ھەممىمىز ئابدۇقادىر ياپچان ھەممىمىز تۈركىستان! ، تۈركىيە ئالدانما ياپچانغا ئىگە چىق! ، تۈركىيە ئالدانما ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىق! ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نېمە جىنايىتى بار؟ دېگەندەك چوڭ خەتلەر يېزىلغان.

ئاخىرىدا سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر قېتىملىق سوتنىڭ 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سوتتا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ ئۇنى «قوراللىق تەشكىلات قۇرغان، تېررورلۇق قىلغان» دېگەن ئەرزىگە قارىتا ئۆزىنىڭ «ئۇنداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، ھەقىقىي تېررورچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى دەرھال قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە پۇقرالىق بېرىشى» نى تەلەپ قىلىپ رەددىيە بەردى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ «ئابدۇقادىر ياپچان ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جىھاد قىلىشقا چاقىرىق قىلغان» دېگەن ئەرزىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. 3 مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىر خىتاي تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتىدۇ، خىتاي يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە قاماۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلدى. ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم، سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، مەن خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى سۆزلىسەم جىنايەتچى، خىتاي نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە قاماپ، ناھەق ئۆلتۈرسە جىنايەتچى ھېسابلانمامدۇ؟ بۇ سوئالنى خىتاي دائىرىلىرىدىن سورىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، مەن جىنايەتچى ئەمەس، مېنى قويۇپ بېرىشنى ۋە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن».

سوتتا ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىرى ئۇغۇر يىلدىرىم ۋە ئىبراھىم ئەرگىل ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى يوقلۇقىنى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى سوتچىغا ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئابدۇقادىر ياپچان ئىلگىرى ئېچىلغان سوتتا قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلدى ۋە ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دەۋالىرى يالغان چىقتى. خىتاي تەرەپ 6 ئايدىن بۇيان دەلىل-پاكىت كۆرسىتەلمىدى.

خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپلىرى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپتۇر. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بىلدۈرۈلدى. قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇ ئىسكەنجىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئابدۇقادىر ياپچاننى نازارەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئەركىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. تۈرك ۋەتەندىشى بالىلىرى بىلەن تۈركىيەدە ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ كىشى 15 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن خىتاي جىنايەتچى دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇ كىشىنى قوراللىق تەشكىلات قۇردى دەپ داۋا قىلدى ئەمما ئىسپات كۆرسىتەلمىدى. تۈركىيە پۇقراسى) ۋەتەندىشى( ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىپ خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنىي جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەتكە قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، ئۇ كىشىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن، ئەكسى بولغان تەقدىردە ئادالەتلىك بولمىغان بولىدۇ».

ئىبراھىم ئەرگىل ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر ئىدارىسى ھەر قانداق بىر كىشىنى قانۇنغا ئاساسەن بىر يىلدىن ئارتۇق تۇتالمايدۇ، بىراق ئابدۇقادىر ياپچان ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان ھەقسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەركىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. سوتچىنىڭ ۋىجدانى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىمىز».

ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئەرزىگە قارىتا دەلىل-ئىسپاتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، دەلىل ئىسپاتلار تولۇقلانغۇچە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇ دەۋاغا كېيىنكى قېتىم 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قايتا قاراپ چىقىشنى ھۆكۈم قىلدى.

بىز، بۈگۈنكى بۇ سوت جەريانى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سوتقا قاتنىشىپ ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ جىنايەتچى ئەمەسلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ئەركىن بەرداش ۋە ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلكەرىم كۇچار ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى 1984-يىلىدىن باشلاپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق بىر قوراللىق تەشكىلات قۇرمىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ جىنايەتچى ئەمەسلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.