د ئۇ ق رەھبەرلىرى گۋەنتانامودىن سىلوۋاكىيە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.01.21
duq-guentanamo-uyghur.JPG د ئۇ ق رەھبەرلىرى گۋەنتانامودىن سىلوۋاكىيە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراپ كەلگەندىكى خاتىرە سۈرەت. 2014-يىلى 19-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

19-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇيغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنۋەرجاندىن تەركىب تاپقان ھەيئەت گۋەنتانامودىن سىلوۋاكىيە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى.

ھەيئەت بۇ 3 ئۇيغۇرغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋغاتلىرىنىمۇ يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ توغرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئەنۋەر جان ئەپەندى 12 يىل ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن سىلوۋاكىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، 12 يىل جەريانىدا ئۆزلىرىنى ئىلمىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىن ياخشى يېتىشتۈرگەنلىكىنى دېدى.

ئابدۇسوپۇر، سەيدۇللاھ ۋە ھاجى ئىسىملىك بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ سىلوۋاكىيە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن گۋەنتانامودا بىرمۇ ئۇيغۇر قالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.