ئوغلىنى ھاراقتىن توسقان بوۋاي دوختۇرخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.02
herbiy-saqchi-uyghur-boway.jpg ئۇيغۇر بوۋاينىڭ كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا ئوغلىنى ھاراقتىن توسۇپ ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 67 ياشلىق بوۋاي تۇرسۇن مەمەت، سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلىپ 3 كۈنگە قەدەر ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ دورىسىنى ئېلىپ ساقچىخانىغا بارغان. ساقچىلار بوۋاينىڭ نەدىلىكىنى ئائىلە ئەزالىرىدىن يوشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوۋاينىڭ دورىسىنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئائىلىدىن 1 دادا، ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى كۈيئوغۇل بولۇپ جەمئىي 6 كىشى قاماقتا ئىكەن.

يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا 67 ياشلىق تۇرسۇن مەمەتنىڭ 13 يىل بۇرۇن ئوغلىنى ھاراقتىن توسۇپ ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىك ۋەقەسىنى يەنىمۇ تەپسىلىي ئېنىقلاش ئۈچۈن ناھىيە ۋە يېزىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قايتا-قايتىلاپ تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئەمەلدار ۋە ساقچىلارنىڭ ھېچبىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

مەزكۇر كېسىم ھەققىدە رادىئومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئاغرىقچان بىر كىشى ئىكەنلىكى، تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلىدە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار تۇرسۇن مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى. بىز ئاخىرى بۇ ئەھۋالنى يەنىلا تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن سورىدۇق. تۇرسۇن مەمەتنىڭ جورىسى، رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا تۇرسۇن مەمەت ئۈستىدىن سوت ئېچىلمىغانلىقى، پەقەت ئائىلىسىگە سوتنىڭ ھۆكۈم قەغىزى ئوقۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا يەنە تۇرسۇن مەمەتنىڭ تۇتقۇندىن بىر كۈن بۇرۇن قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا ئۆزىنى تەكشۈرتكەنلىكى ۋە رېنتىگېنگە چۈشكەنلىكى يېزىلغان. مەكتۇپتا تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئاغرىقىنىڭ نېمىلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ جورىسىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىشنى خالىمىدى. ئۇ پەقەت تۇرسۇن مەمەت بوۋاينىڭ ئىچىۋاتقان دورىسى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىساردا داۋام قىلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن سەۋەبىدىن تۇرسۇن مەمەت بوۋاي ئۆزىنى ساقچى ئىزدىگەن ھامان، گەرچە ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقى ئۆزىگە ئايان بولسىمۇ، تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش نۆۋىتىنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى تەخمىن قىلغان. ساقچى خادىملىرى تۇرسۇن مەمەتنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىنىمۇ يوشۇرغان؛ پەرزەنتلىرى ئېلىپ كەلگەن دورىنى قوبۇل قىلمىغان. جورىسىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر تۇرسۇن مەمەتنى ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن يېقىندا ئېكراندا كۆرۈشتۈرگەن.

تۈنۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا تۇرسۇن مەمەت بوۋاي ئائىلىسىدىن ئۆزى ۋە ئۈچ ئوغلى بىلەن 4 كىشى كېسىلگەنلىكى دېيىلگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا مەزكۇر ئائىلىدىكى ئىككى كۈيئوغۇلنىڭمۇ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.