خىتاينىڭ گۇماندار ھەزرىتىئەلى مامۇت ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.03.22
korla-toqunush-uyghurbiz-305.png كورلىدا ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. 2013-يىلى 7-مارت.
uighurbiz.net

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى كورلىدا بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 4 نەپەر خىتاي كۆچمەننى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاي، ۋەقەنى يۈز بېرىپ 7 كۈندىن كېيىن ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان. خىتاي مەتبۇئاتى گۇماندار ھەزرىتىئەلى مامۇتنىڭ ئەسلىدە بىر قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى، بۇرۇنمۇ بىرنەچچە قېتىم پىچاق كۆتۈرۈپ جېدەل چىقىرىپ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئائىلىسىدە خاپىلىق يۈز بېرىپ، نېرۋىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن جەمئىيەتتىن ئىنتىقام ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما ئالدىنقى كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن تەۋەلىكتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، خەۋەرلەردە ھەزرىتىئەلى مامۇت ھەققىدە دېيىلگەنلەرنىڭ يالغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىگە، جۈملىدىن كۆچمەن سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز بۈگۈن، كورلىدىكى يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

بىز ئالدى بىلەن خىتاي خەۋەرلىرىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، خېجىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، گۇماندار ھەزرىتىئەلى مامۇتنىڭ ئەسلىدە ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ھەزرىتىئەلى مامۇتنىڭ قارمۇدىن بازىرىدىن ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. قارمۇدىن بازارلىق ساقچىخانىسى بولسا، ھەزىرىتىئەلى مامۇتنىڭ قارمۇدىننىڭ ئۇلانغادىر كەنتى، 6-گۇرۇپپىسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئاخىرىدا، ئۇلانغادىر كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ياسىن ئابدۇرېھىم بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ ھەزىرىتىئەلى ئۆمەرنىڭ كىملىكى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە جامائەت ئىچىدىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سوئال: ياسىن شۇجى ياخشىمۇسىز؟
جاۋاب: ياخشى، ياخشى.

سوئال: سىز مۇشۇ ئۇلانغادىر كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، شۇنداق.....

سوئال: ئۆتكەندە ۋەقە پەيدا قىلغان ھەزرىتىئەلى مامۇت ئەسلىدە زادى قانداق بىر بالىتى؟
جاۋاب: ياخشى بىر بالىتى، تىرىشچان، ئۆز ئىشىغا پۇختا. ۋەقە چىقىرىپ قويۇپتۇ دەپ ئاڭلاپ ھەيران قالدۇق.

سوئال: دىنىي مەلۇماتى قانداقراقتى؟
جاۋاب: بۇ مۇشۇ بىزنىڭ يۇرتتىكى مامۇت قارىم دېگەن داڭلىق دىنىي زاتنىڭ بالىسى. بۇلار ئەسلى 10 بالا، 7 ئوغۇل، 3 قىز، بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىنىي مەلۇماتى بار.

سوئال: ھەزرىتىئەلى مامۇت 5 ۋاق ناماز ئوقۇمتى؟
جاۋاب: شۇنداق، بەش ۋاق ناماز ئوقۇيتتى.

سوئال: مەھەللىدە كىشىلەر بىلەن جېدەللەشكەن ئىشلىرى بارمىدى؟
جاۋاب: ياق، ياق، ئۇنداق ئىش يوق.

سوئال: مەتبۇئاتتىكى خەۋەرلەردە ھەزرىتىئەلىنىڭ بۇرۇن پىچاق كۆتۈرۈپ جېدەل چىقىرىپ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى يېزىلدى......
جاۋاب: مەن ئاڭلاپ باقمىغان.

سوئال: ئۇنداقتا، ھەزرىتىئەلىنىڭ سىلىنىڭ كەنتتىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا ئوقۇغان ياكى ئىشلىگەن بىر مەزگىلى بولغانمۇ؟
جاۋاب: ياق. سىرتقا چىقمىغان.

سوئال: دېمەك، كۆز ئالدىڭىزدا چوڭ بولغان ۋە كۈز ئالدىڭىزدا ياشىغان بالىلار دېگەن گەپ؟
جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: خەۋەرلەردە، ھەزرىتىئەلىنىڭ ئائىلىسى بىلەن خاپىلىقتا ئىكەنلىكى يېزىلدى. سىزنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە خاپىلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: بۇنى مەن تېخى يېقىندا (مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن) ئاكىسىدىن ئۇقتۇم. بۇمۇ بەك چوڭ خاپىلىق ئەمەس.

سوئال: شۇ ۋەقەگە سەۋەب بولغۇدەك دەرىجىدە چوڭ خاپىلىق ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ياق. ئاچىلىرى بىلەن بىر قورۇدا ئولتۇرغاچقا، ئائىلىلەردە بولۇپ قالىدىغان كىچىك خاپىلىقلار.

سوئال: بىزچىمۇ، ئۆيىدە ئايالى بىلەن سوقۇشۇپ قالسا سىرتقا چىقىپ 4 خىتاينى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. دېمەك، ھەزرىتىئەلى ئائىلىسىدىكى خاپىلىق مەھەللىدە ھەممىگە بىلىنگەن، كۆزگە كۆرۈنگەن خاپىلىق ئەمەس دەيسىز.
جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ھەزىتىئەلى ھەققىدە ھۆكۈمەت سىزگە نېمىلەرنى ئۇقتۇردى؟
جاۋاب: ھازىرچە ماڭا، مۇنداق-مۇنداق ئىش بولدى، دەپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقتۇرمىدى. پەقەت ساقچىلار كېلىپ، ھەزرىتىئەلى قانداق بالىتى، دەپ سورىدى. سىزگە دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى، دەپ بەردىم.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەزرىتىئەلى مامۇتنىڭ ۋەقە پەيدا قىلىشتىكى سەۋەب ۋە مەقسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا؛ ۋەقەنىڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز ئىنكاس قىلغاندەك، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە كۆچمەن ئېقىنىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.