يەكەندىكى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يەرلىك ئاھالىلەر 15 كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.15
tijaretchi-abduraxman-hesen.jpg تۈركىيەدىكى تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس).
RFA/Shöhret Hoshur

2014‏-يىلى 28‏-ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 114 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەينى ۋاقىتتا ۋەقەدە 2000 چە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى تىجارەتچى ئابدۇراھمان ھەسەن ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن يەكەن ئېلىشقۇدىكى دوستىنى كۆرۈشكە بارغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ۋەقە ھەققىدە نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇراخمان ھەسەن شۇ چاغدا يەكەندە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئېلىشقۇدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن 4 كەنتتىكى 80 چە مەھەللە كىشىلىرىنىڭ 15 كۈنگىچە قورقۇپ ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس «ئاھالىلەرنى ئۆيدىن تالاغا چىقىرىش» خىزمىتى ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يەكەندىكى «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى 3 كۈن كېچىكتۈرۈپ خەۋەر قىلغان، خەۋەرلىرىدە ئۆلگۈچىلەر سانىنى دەسلەپتە 10 نەچچە دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىرنەچچە كۈندىن كېيىن 114 دەپ پەرقلىق مەلۇمات بەرگەن ئىدى. دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە چولتا ۋە مۇجىمەل خەۋەر بەرگەندىن باشقا، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە 4 كەنتتىكى 80 چە مەھەللە كىشىلىرىنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان 23 ياشلىق ئابابەكرى رەھىمنى جازالاپ تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. بەزى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خېلى ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخامان ھەسەن ئەينى چاغدا يەكەن ئېلىشقۇغا خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارىدا چۈشكەن بىر دوستىنى، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن تۇراخۇننىڭ ئىنىسى جۈرئەت تۇراخۇننى يوقلاپ بارغان. ئەينى چاغدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان جۈرئەت تۇراخۇن ئېلىشقۇدا ئىشلىگەن ۋە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئابدۇراخمان ھەسەنگە مەلۇمات بەرگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە 4 كەنتتە ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن يەرلىك ئاھالىلەر قورققىنىدىن 15 كۈنگىچە ئۆيلىرىدىن تالا-تۈزگە چىقالمىغان. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆيمۇ ئۆي زىيارەت قىلىپ، سىرتتا ئۇرۇش بولمايۋاتقانلىقى، پەقەت بىر قىسىم ئاتالمىش «تېررورچىلار» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا جاسارەتلەندۈرگەن. دېيىلىشىچە، گەرچە جۈرئەت تۇراخۇن كىشىلەرنى تالاغا چىققۇدەك جاسارەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن 15 كۈن كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەدىن بىر ئاي كېيىن ئېلىشقۇغا بارغان ئابدۇراخمان ھەسەن ئەسلىدە شۇنچە ئاۋات بولغان بۇ بازارنىڭ بىر قىسىم مەھەللىرىدە ھېچ بىر ئادەم كۆرمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدىكى خەۋەرلىرىدە ۋەقەدە تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنى «Dron» قوللانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بۇنى پەقەت ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئابدۇراخمان ھەسەن ئوق ۋە زەربە ئىزلىرىغا ئاساسەن ئاھالىلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆي-ۋارانلىرىنىڭ ھاۋادىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى 2015‏-يىلى ئاقسۇنىڭ باي ناھىيەسىدە ۋەقە يۈز بەرگەندە 56 كۈنگە قەدەر ئۇچۇرنى تاشقى دۇنيادىن سىر تۇتقان. ئاخىرى ۋەقەدە ئىككى تەرەپتىن 50 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 5 نەپىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ 2016‏-يىلى ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك قەھرىمانلار تىزىملىكى» دىن بايدىكى ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلار سانىنىڭ 5 ئەمەس، ئاز دېگەندە 13 ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بايانلىرىدىن ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر ساننىڭ ئاز ئەمەسلىكى، كىچىكرەك بىر ناھىيەنىڭ ئاھالىسىگە باراۋەر نوپۇسقا ئىگە بولغان ئېلىشقۇ بازىرىدا ۋەقەدىن بىر ئاي كېيىنمۇ كوچىلاردا ئادەم كۆرۈلمەسلىكتەك بىر ئەندىشىلىنەرلىك رېئاللىق ئاشكارىلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.