1-مارت كۇنمىڭ ھۇجۇمچىلىرىدىن يەنە تۆت نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.06.30
kunming-weqesi-qoralliq-saqchi.jpg كۇنمىڭدا خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، باستۇرۇشقا كەلگەن قوراللىق ساقچىلار. 2014-يىلى 1-مارت، كۇنمىڭ.
AFP

بۈگۈن خىتاي دۆلەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، كۇنمىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 4 نەپىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سوت كۈنى تېخى ئاشكارىلانمىغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا، ھۇجۇمچىلاردىن يەنە 4 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى. خىتاي دائىرىلىرى 30 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 140 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىنى ئەينى چاغدىلا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، گۇماندارلارنىڭ كىملىكى قاتارلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يېتەرلىك ھالدا ئاشكارىلىماي كەلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ گۇماندارلارنى سوتلاشتا، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىش-قىلماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا، 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىنى ئابدۇرېھىم قۇربان قاتارلىق 8 كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما قالغان 7 گۇماندارنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلمىغان. خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۈگۈنكى ئۇقتۇرۇشىدىن گۇماندارلاردىن يەنە 4 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى: بۇلار، ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت ۋە پاتىگۈل توختى. بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچ نەپىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قۇرۇش، يېتەكلەش ۋە پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن، پاتىگۈل توختى بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭدىن، نۆۋەتتە سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان 4 گۇمانداردىن 3 نەپىرىنىڭ شۇ كۈنى نەق مەيداندا يوق ئىكەنلىكى، ياكى ھۇجۇمغا قاتناشمىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. ۋەقە ھەققىدىكى ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە بىردەك ھالدا 8 گۇمانداردىن 4 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ 4 نەپىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ نەپەرنىڭ بەزى خەۋەرلەردە ۋەقەدىن 3 كۈن كېيىن تۇتۇلغانلىقى، بەزى خەۋەرلەردە بولسا ۋەقەدىن 2 كۈن بۇرۇن تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان 3 ئەر گۇماندارنىڭ ۋەقە سادىر بولغان مەيداندا يوقلۇقىنى، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلگىنىدەك ۋەقەدىن بۇرۇن 27-مارت كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماقتا. ۋەقە ھەققىدىكى كونا-يېڭى ئۇچۇرلار، بۇ 8 نەپەر پىدائىينىڭ ئاۋۋال چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ 3 نەپەر سەپدىشى تۇتۇلغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىشتىن ۋاز كېچىپ مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.

كۈنمىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئاي بولغان كۈنى، تۇتقۇندىكى 4 نەپەر گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۆ نۆۋەت خىتاي دۆلەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى، گۇماندارلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛ ئەمما گۇماندارلارنىڭ كىملىكى ۋە ھۇجۇمغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە يەنىلا ئۇچۇرلار يېتەرسىز ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى ئۇچۇردا گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش پۇرسىتى بار- يوقلۇقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن، كۇنمىڭ ۋەقەسى گۇماندارلىرى ئۈستىدىكى سوتنىڭمۇ ئادىل بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل مانا مۇشۇ خىل قاراشتىكىلەردىن بىرى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرى تۈركەل كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.