تۇنجى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 10-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 10-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈشتى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى - 2018» دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى ماركو رۇبىئو، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق 25 نەپەر نوپۇزلۇق ۋەكىل تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.

17 بەتلىك مەزكۇر قانۇن لايىھەسى جەمئىي 9 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. لايىھەنىڭ دەسلەپكى تۆت بۆلۈمىدە لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت، لايىھەدە تىلغا ئېلىنىدىغان ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مەجلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئائىت ھازىرغىچە دەلىللەنگەن سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان. ئاخىرقى بەش بۆلۈمىدە مۇناسىۋەتلىك چارە ۋە ئېلىشقا تېگىشلىك سىياسىي تەدبىرلەر تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ قىسمىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشكە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاشقا چاقىرىشقا دەۋەت قىلىنغان.

قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ قىسمىدا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۆز مەيدانىنى مۇنداق ئىپادىلەشكەن: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتاي ھۆكمىتىنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىشى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى بۇ ئېغىر زۇلۇملارنى ئېتىراپ قىلىشقا، نۆۋەتتىكى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك يامان ئاقىۋەتنى تونۇپ يېتىشكە ھەمدە ئاتالمىش «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاپ، بارلىق چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، بۇ رايوندا دۇنياۋى ئېتىراپ قىلغان ئىنسانىي ھەقلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا، خىتاينىڭ ئىچى-تېشىدىكى ئۆزئارا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئالاقىسىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىشى كېرەك.»

چارشەنبە كۈنى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ھەمكارلىشىپ تونۇشتۇرغۇچىلاردىن كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي رەھبەرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق خەلقئارا قامالغان ‹سىياسىي قاياقتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەلەمدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»

چارشەنبە كۈنى يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىرلىكتە تونۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىتمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قەبىھلىكتۇر. خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا بىر ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە خىتاي «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بۇ لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنداق بىر قىلمىشقا «21-ئەسەردە ھەرگىزمۇ سەبرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇ باياناتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۆلكىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش پىلانىغا قارشى كەسكىن مەۋقەدە قارشى تۇرۇشىنى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشتا بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. شۇنىڭدىن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشىغا ياردەم قىلىشىنى توسۇش كېرەك.»

قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى كرىستوفېر سىمىت ۋە توماس سئوززى قاتارلىق 10 نەپەر ۋەكىل ھەمدە كېڭەش پالاتاسىدىن ماركو رۇبىئو، بوب مەندەز ۋە كوري گاردنېر قاتارلىق 15 نەپەر ۋەكىلنىڭ ئورتاق كاپلەتچىلىكىدە تونۇشتۇرۇلغان.

ماركو رۇبىئو چارشەنبە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۆۋەتتىكى كرىزىسلارنى روشەن يورۇتۇپ بېرىدىغان ھەمدە بۇنى ھەل قىلىدىغان سىياسىي تاللاشلارنى كۆرسىتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بوب مەندەز مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماركو رۇبىئو بىلەن بىرلىكتە كېڭەش پالاتاسى تەرەپتىن تونۇشتۇرغان ۋەكىللەرنىڭ بىرى.

ئۇ ماركو رۇبىئو بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى قاباھەتلىك. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ تەقىب دۆلىتى تاكتىكىسىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلارغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنتىمىز خىتايغا نىسبەتەن ئېنىق ۋە ئىزچىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ناھەق ھالدا تۈرمىلەرگە ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا بەن قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسلىككە سالماسلىقى كېرەك.»

بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇري تۈركەل بۇنىڭ بىر زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە لايىھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدا شىنجاڭ ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى تەيىنلەشنى ئويلىشىش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «خەلقئارا ماگنىتسكى قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە داۋاملىق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەدھىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى باشقا غەرب ئەللىرىنىمۇ ئامېرىكىنى ئۈلگە قىلىپ مۇشۇنداق قانۇن لايىھەلىرىنى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ نەتىجىلىك ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز شتاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلۇش ئالدىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە پەلسەپە پەنلەر دوكتورى مەمتىمىن ئەلامۇ فەيسبوكتا بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ نەتىجىلىك ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، يەنە بىر نەچچە مىليون كىشىنى ئوچۇق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە بەنت قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

شۇندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىئو قاتارلىقلار بىر نەچچە قېتىم بايات ۋە ئوچۇق خەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت