ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ ناھەق دېلوسى 60 مىڭدىن ئارتۇق تور زىيارەتچىسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.01.30
obulhesen-abdukerim-meyip.jpg ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمغا خوتەن ۋىلايەتلىك مېيىپلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن مېيىپلىك كىنىشكىسى.
RFA/Qutlan

ئۈرۈمچىدىكى ئىجارە ئۆيىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم ھەققانىي يېشىمگە ئېرىشمىگىچە ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەرز-دەۋادىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوبۇلھەسەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەننىڭ لاسگۇي بازىرى ئاقتاش كەنتىدىن تارتىپ تاكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ۋە يۇقىرى سوتقا قەدەر ئىچكى تور ھاسىل قىلغان بيوگرات سىستېما ئۇنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى بىردەك رەت قىلىپ كەلگەن. 10 يىل ئىچىدە بۇ ناھەق دېلودىن قەتئىي بەل قويۇۋەتمىگەن ئوبۇلھەسەن ئاخىرىدا جامائەت پىكرى ۋە تور كېزەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىنكاسى ئارقىلىق دەۋادا بۆسۈش ئېغىزى ئېچىشقا تىرىشقان.

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ قولىدىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تورغا قويۇلغان مەخسۇس يازمىسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق تور زىيارەتچىسى بۇ ناھەق دېلو ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوشۇپ يازغان يازمىسى توردىن-تورغا ئۇلاپ بېسىلغان. بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك جامائەت پىكرى مېيىپ ئوبۇلھەسەننىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن دەۋادىن ھەرگىز قايتماسلىقتەك روھىغا تېخىمۇ زور ئىشەنچ بېغىشلىغان.

ئۇ ئۆز يازمىسىدا خوتەننىڭ لاسگۇي بازار ئاقتاش كەنتىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلارغا قەدەر مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 11 شەخس ۋە ئورۇن ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، قىلمىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇننىڭ قايسى ماددىسىنى بۇزغانلىقىنى تەپسىلىي تىلغا ئالغان. ئوبۇلھەسەن يەنە 10 يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ ساغلام بىر ئىنساندىن نىمجان مېيىپلا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە خانىۋەيران بولغانلىقىنى شۇنداقلا جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن مىسلىسىز دەرىجىدە سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلاردىن 12 مىليون سوم تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم زىيارىتىمىز جەريانىدا 2007-يىلىدىن 2009-يىلىغا قەدەر ئىككى يىل جەريانىدا لاسگۇي بازار ئاقتاش كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۇنى يۇقىرى ئورۇنلارغا بېرىپ ئەرز قىلىشتىن توسقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ھويلىسىغا مەخسۇس ئادەم قويۇپ نازارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىزنىڭ «مەزكۇر داۋادا ئۇتۇپ چىقىپ، تۆلەمگە ئېرىشىشكە ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «ئىشەنچىم بار، بۇ داۋانىڭ ئاخىرى چىقمىغۇچە ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن!» دېدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.