مۇھەممەتسىدىق تۇتقۇن قىلىنىپ 6 ئاي ئۆتكەندە ئۇ توغرىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارا بولدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.02.20
muhemmedsidiq-ana-til-305.png مۇھەممەتسىدىق ئەپەندى
RFA/Muhemmedsidiq Ailisi


«ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى مۇھەممەتسىدىق تۇتقۇن قىلىنىپ توپ - توغرا 6 ئاي تولغاندا ئۇ توغرىلىق بىر قىسىم ئەھۋاللار ئاشكارا بولدى.

«ئۇكام كىچىكىدىنلا ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئىقتىدارى بار تىرىشچان بالا ئىدى، كېيىن ئۇ ۋۇخەندە ئالىي مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈردى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلدى…»

مۇھەممەتسىدىقنىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان بىر تۇغقان ئاكىسى ئۆمەرجان بۆرە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تۇتقۇندىكى ئىنىسى ھەققىدە يوقىرىقى بايانلارنى بەردى.

«ئۇكام مۇھەممەتسىدىق ھەقىقەتەن ئۆز كەسپىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويۇپ ئۆز شىركىتىنىمۇ قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ شىركىتىدە 25 - 30 غىچە ئادەم ئىشلەيتتى. ئۈرۈمچىدىن باشقا جەنۇبتا، بولۇپمۇ خوتەن رايونىدىكى بىر قىسىم كىچىك شىركەتلەرنىڭ بوغالتېرلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەيتتى. ئۇكام، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە دىليار ئوبۇللار بىلەن بىرلىشىپ «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا خېلىلا تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچى بولۇپ يېتىلگەن ئىدى.»

ئۆمەرجان بۆرە ئىنىسى ھەققىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مۇھەممەتسىدىق ھەرقانداق ئىشنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەمىمىي يىگىت ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە توي قىلىپ ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى. ئۇ كەسپتە پۇختا باشقۇرغۇچى، ئائىلىدە سەمىمىي ئاتا ۋە مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىدى. مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇھاجىرەتتە ياشىغاچقا ئۇكامنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولالمىدىم. ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كېيىن ئۇقتۇم. ھەتتا ئاتا - ئاناممۇ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلەلمەپتۇ. كېيىن بۇ خەۋەر ئانامنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ئانام ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئۆيدىكىلەر بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا ئېيتماپتۇ. مەن بۇ ئىشلاردىن كېيىنچە خەۋەر تېپىپ تولىمۇ ئازابلاندىم. ئۇنىڭ ئىككى قىزى تېخى كىچىك، ئۇلارنىڭ دىلى ھەقىقەتەن سۇنۇق، 6 ئايدىن بۇيان دادىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ…»

مۇھەممەتسىدىق ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرى
مۇھەممەتسىدىق ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرى

ئۆمەرجان بۆرە زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى: «ئۇكام مۇھەممەتسىدىق ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە دىليار ئوبۇللارنىڭ ھەمكارلىشىپ "ئانا تىل" نامىدىكى شىركەتنى قۇرۇشى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا يەسلى تەسىس قىلىش ئۈچۈن بولغان. ئۇلار شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپلا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىن يەسلى ئۈچۈن مۇۋاپىق يەر ئىزدىگەن. كېيىن بىر يەسلى بىناسىنى سېتىۋالماقچى بولغان. بۇ ئەسلىدە قانۇنىي رۇخسەتنامىسى بار يەسلى بولۇپ، ئۇكام باشلىق ئانا تىل شىركىتىدىكىلەرمۇ قانۇن بويىچە سېتىۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن. ھالبۇكى، بۇ يەسلىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى 1 مىليۇن 600 مىڭ سومغا توختىغان. ئۇنى رېمونت قىلدۇرۇپ رەسمىي ئاچقىچە بولغان چىقىملىرىنى ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 2 مىليۇن سومغا توختىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز قولىدىكى نەچچە يۈز مىڭ يۋەن ئىقتىسادنى دەسمايە قىلىپ، شىركەتنى پاي چېكى شەكلىدىكى ھەسسىدارلىق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەن. قانۇنىي يول بويىچە پاي چېكى شەكلىدە مەبلەغ توپلاپ يەسلىنى ماڭدۇرۇشقا تىرىشقان. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ئىش زادىلا ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ!.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.