ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.04.11
sot-olum-jaza-uyghur-5-iyul.jpg CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
AFP

بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان بىر دۆلەت بولۇش بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي ساننىڭ زادى نېمىلىكى ھېلىھەم مۈجمەل. بولۇپمۇ تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك دېلولىرىغا چېتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارغا ئائىت ئۇچۇرلار قاتتىق مەخپىي تۇتۇلماقتا.

11-ئاپرېل كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2016-يىلى ئىچىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. خىتاي، دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتىن قارىغاندا، 2016-يىلى ئىچىدە خىتاينى ھېسابقا ئالمىغاندا دۇنيا مىقياسى بويىچە جەمئىي 1032 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى رەقەمنىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي رەقەمدىنمۇ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەشكىلات گەرچە بۇ رەقەمنىڭ مىڭدىن ئارتۇقلۇقىغا ئىشەنسىمۇ، ئەمما ئۇلار خىتايدىكى تور بەتلىرىدىكى بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان پەقەت 305 دېلوغا ئائىت ئۇچۇرنىلا تېپىپ چىققان. تېخىمۇ دىققەت قوزغايدىغىنى بۇ 305 دېلونىڭ 26 سىلا خىتاي سوتىنىڭ رەسمىي ئارخىپىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇلار يەنە، خىتاي سوتلىرىنىڭ رەسمىي ئارخىپلىرىدا، بولۇپمۇ تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك دېلولىرىغا چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئىجرا قىلىنغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى بايقىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي سوتلىرىنىڭ رەسمىي ئارخىپلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت دېلو ئارخىپ ئۇچۇرىنى تېپىش ئىنتايىن قېيىن ئىكەن. ئۇلار خىتاي سوتلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلانغان 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پەقەت 27 دېلونى بايقىغان. ئۇلار كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەسسىلەپ كۈچەيگەننىڭ ئەكسىچە 2015- ۋە 2016-يىللىرىدا تېررورلۇققا چېتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارغا ئائىت ھېچقانداق بىر دېلونى تاپالمىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسى باشلىقى تى كۇمار ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ھېسابلىشىچە، خىتاي سوتلىرىدىكى ئۆلۈم جازالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئاشكارا ئومۇمىي دېلو 701 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 27 سى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئومۇمىي رەقەمنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەت 7.0 قىسمىنىلا ئىگىلەيدىغانلىقىنىلا نەزەردە تۇتقاندا بۇ 4 پىرسەنت دېگەن رەقەمنىڭ دىققەت تارتىشقا تېگىشلىكلىكىنى ئېيتتى. ھېنرىي مۇنداق دېدى : «مەنچە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئىنتايىن مۇھىم. خىتايدا ئۆلۈم جازالىرى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلغاچقا ھەقىقىي رەقەم ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېپىپ چىققان رەقەملەر مەنچە ناھايىتى مۇھىم. ئۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. يەنى كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ تېپىپ چىققان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارنىڭ 4 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاران 7.0 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. مەنچە بۇ بىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىلىشى كېرەك».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسى باشلىقى تى كۇمار ئەپەندى بۈگۈن قىلغان سۆزىدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، «خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى ئىچىدە ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارمۇ بار. بىزنىڭ ئەندىشىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدۇر» دېدى.

مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىنمۇ بۈگۈن تىۋىتتېر تورىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش نىسبىتىنىڭ خىتايدىكى نوپۇسقا نىسبەتەن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىكى ئەمەلىي رەقەمنى بىلىش مۇمكىن بولماسلىق بىلەن بىرگە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يۇقىرىدا ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى ئەسلى ھەقىقىي رەقەمنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. نىكولاس بىكۇلىن دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدىمۇ بۇنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي خەلقئارادا لىدېرلىق رولىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق ئۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا ئوخشاش بىر سەلبىي رولدا دۇنياغا لىدېرلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتايدەك كۆپ، خىتايدەك مەخپىي، خىتايدەك تېز سۈرئەتتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

ھېنرىي شاجېسكى سۆزىدە خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقتىن يىراق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىز تېررورلۇققا چېتىلغان نۇرغۇن دېلولاردىكى ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا تولىمۇ يات ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يېڭى ئېلان قىلىۋاتقان قانۇنلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىنىمۇ قاتتىق چەكلىدى. مەنچە خىتاي بارغانسېرى ئۆلۈم جازالىرى،بولۇپمۇ تېررورلۇققا چېتىلغان دەۋالاردىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ خىتايدىكى تېررورلۇقنىڭ مەنىسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى دىققەت قوزغىشى كېرەك.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا ۋە س ن ن قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال بارلىق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغانلار ۋە شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە رەسمىي رەقەملەرنى قويۇشنى ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان تۈرلەرنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.